logo

trugen jacn

خىتايلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىككى خىل مۇسۇلمان

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

خىتاي دۆلىتى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە بەك ياخشى دوستلۇق پۇزۇتىسىيىسىنى تۇتىدۇ.ئامما،ئۆز چىگرىسى ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بەك يامان دۈشمەنلىك پۇزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ

بەيجىڭغا كەلگەن مۇسۇلمان ھەيئەتلەرنى بەيجىڭ نىيۇ جە مەسچىتىگە مەرسىدىس ماشىنىلار بىلەن ئاپىرىدۇ.چەتئەللىك مۇسۇلمانلار ناماز قىلىۋاتقاندا خىتاي ساقچىلار ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغداپ پوستا تۇرىدۇ.ئامما،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۆز يۇرتلىرىدا مەسچىتكە كىرسە ئۇلارنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان پايلاقچىلار بار.ناماز ئوقۇغىلى كەلگەن بەزى ياشلارنى قوللىرىغا كەلەپچە سەلىپ تۇتۇپ كىتىدۇ

چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنى خىتاي دۆلەت باشلىقلىرى سارايلىرىدا قوبۇل قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە،ساقاللىرىغا،ئاياللىرىنىڭ جىلباب (قارا پەرەنجە)لىرىگە قۇسۇرسىز ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ.ئامما،ساقاللىق ئۇيغۇر ئەرلىرىنى تۇتۋالسا ساقىلىنى كىسىۋەتىدۇ،ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن جازا قويۇپ پۇل ئالىدىۇ،قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى “تىرورىست”دەپ تۇتۇپ قامايدۇ.جىلباب كىيىپ تالاغا چىققان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇتۇۋەلىپ كىيىملىرىنى،ياغلىقلىرىنى تارتىۋالىدۇ.پەيچۇسوغا ئاپىرىپ سۇلاپ تۆۋۋە نامە يازدۇرۇدۇ.خۇتۇنىنى،ئانىسىنى ئىزدەپ پەيچۇسوغا كەلگەن ئەرلەرنى “پەيچۇسوغا بەسىپ كىرگەن تىرورىست” دەپ سۇلاپ قويىدۇ،ھەتتا نەخ مەيداندا ئەتىپ تاشلايدۇ

رامىزاندا بەجىڭغا كەلگەن چەتئەللىك مۇسۇلمان مىھمانلارنىڭ رۇزا تۇتۇپ،ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بارلىق قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن خىتاي ھۈكۈمىتى،رامىزاندا ئۇيغۇرلارنى رۇزا تۇتقۇزماسلىق ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن چەكلىمىلەرنى قويىدۇ.رۇزا تۇتقان ئۇيغۇرلارنغا “تىرورىست” شۆھبىسى بىلەن قارايدۇ.رامىزان ئەيىدا بىر ئاي ۋەتىنىمىزدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم رۇزا تۇتۇپ،ئاللاغا ئىبادەت قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەي قەستەن ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ

بەيجىڭدا،چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنى دىنى مەكتەپ،دىنى ئاكىدىمىيەلەرگە ئاپىرىپ ئۇ يەرلەردىكى “خاتىپ،قارى”لارنىڭ قۇرئان ئوقۇۋاتقانلىغىنى كۆرسىتىدۇ.ئامما،ۋەتىنىمىزدە قۇرئان ئوقۇغان،بالىلارغا قۇرئان  ئوقۇشنى ئۈگەتكەن ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرمىغا تاشلايدۇ.قۇرئاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنى كىتاپلارنى تەپىۋالسا تارتىۋەلىپ كۆيدۈرىدۇ

ئاپغانىستاندىكى تالىبانغا ئۇزۇن يىللاپ قۇرال ياردەم قىلغان خىتاي ھۈكۈمىتى، يانچۇق پىچىغى ئەلىپ يۈرگەن ئۇيغۇرنى “قاتىللىق قىلىش ئىھتىمالى بار” دەپ گۇمان بىلەن تۇرمىغا سۇلاپ قويىدۇ.سۇمالىدا “بوكو ھارام تىرور تەشكىلاتى”غا پۇل،قۇرال بىرىپ نىفىت ئالغان خىتاي ھۈكۈمىتى،ئۇيغۇرلار ئۈيىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن سەرەڭگە ئالسا “بومبا ياسىماقچى بولغان”دەپ سۇراق قىلمايلا تۇرمىغا تاشلايدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى  چەتئەللىك مۇسۇلمانلارغا ھەقىقەتەن ھۆرمەت قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچەك،دىنى ئۆرپە-ئادەتلىرىگە زىيان سالالمايدۇ،زىيان سەلىشنىمۇ ئويلىمايدۇ.ئامما،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى “جاھىل،كاللىسى ئۆزگەرمەيدىغان “ دەپ كەمسىتىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ خەن مىللىتىگە ئوخشاش ساقال چىقمايدىغان يارىتىلمىغانلىغىغا غەزەپلىنىدۇ.ساقالنى قىزغانغان خەنلەر،ساقاللىق ئۇيغۇرلارنى “ تىرورىست” دەپ ھاقارەتلەيدۇ.ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىم-قىياپەتلىنى تىخىمۇ ئىچى يامانلىق بىلەن قىزغىنىدۇ،دۈشمەنلىك قىلىدۇ

نىمە ئۈچۈن خىتاي دۆلىتى چەتئەللىك مۇسۇلمانلارغا دوستلۇق،ئۆز پۇخراسى بولغان مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك پۇزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ؟ خىتاي دۆلىتىنىڭ مىڭ يىللىق دۆلەت ئەنئەنىسى “ يەقىندىكىنى يۇقات،ئۇزاقتىكىنى ياشات” پەلسەپىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان.كونتىرول قىلالايدىغان كۈچلەرگە تۆھمەت قىلىدۇ،كونتىرولى سىرتىدىكى كۈچلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ

خىتاينىڭ كونتىرول قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ چىقماي تۇرۇپ خىتايدىن ھۆرمەت،تەڭ ھوقۇق كۈتۈش قاپاق تىرەكتىن ئارمۇت كۈتكەندەكلا نەتىجىسىز بىر ئىش

ئۇيغۇرلار قاچان مۇستەقىل دۆلەت قۇرسا،شۇ كۈنى خىتاي ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە تەڭ-باراۋەرلىك پىرىنسىپى ئاخلاقى ئىچىدە مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ

خۇجايىننىڭ قۇلغا ھۆرمەت قىلغىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟ئۇيغۇرلار قۇللۇقتىن قۇتۇلغاندىلا مىللى ھەرمەتكە ئىگە بولۇش سالاھىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ

Share
2535 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.