logo

trugen jacn

خىتايدىن قاچقان بىر ئۇيغۇر: قىرغىزىستاندىكى 8 يىللىق ھاياتىم ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتتى

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىز 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىكى پروگراممىمىزدا ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن ئىككى يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ خاتىرجەم بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، پىيادە تاغلاردىن ئۆتۈپ قىرغىزىستانغا قېچىپ چىققان مەمەت ئېلى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. ئۇ، پروگراممىدا مەمەت ئېلى ئەپەندىنىڭ كورلىدا تۇغۇلۇپ 2006 – يىلى 2 – ئايدا چېگرادىن قىرغىزىستانغا كەلگۈچە بولغان ھاياتىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئۇنىڭ قىرغىزىستاندىكى 8 يىللىق جاپالىق ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلىتىمىز.

مەمەت ئېلى ئەپەندى 2006 – يىلى 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى زىمىستان سوغۇق بىر كېچىدە خىتاي – قىرغىز چېگراسىدىكى ئېگىز تاغلارنى، قارلارنى بېسىپ ئۆتۈپ قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋىلايىتىگە بارغان. ئوشتا سوتلانغان مەمەت ئېلى ئەپەندى قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتتى دەپ ئەيىبلىنىپ، 150 دوللار جەرىمانە تۆلەش جازاسى بەرگەن بولسىمۇ، پۇلنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان. قىرغىزىستان پۇقراسى قىز بىلەن توي قىلىپ 2 پەرزەنتى بولغان بولسىمۇ، قىرغىزىستان ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتەلمىگەن. 2014 – يىلى تۈركىيەگە كەلگەن مەمەت ئېلى ئەپەندى ھازىرغىچە خاتىرجەم بولالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەمەت ئېلى كىم؟

ئۇ، 1976 – يىلى كورلىنىڭ خوتۇنسۇمۇل ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى يۇرتىدا ئوقۇغاندىن كېيىن ئىشلەش ئۈچۈن كورلا شەھىرىگە كەلگەن. كورلىدىكى مەزگىلدە قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ياشلار بىلەن بىرلىكتە مەسچىتتە ناماز ئوقۇپ، ئارىلىشىپ ئۆتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەت ئېلىلا ساقال قويغان بولغاچقا، گۇمانلىنىپ تۇتۇپ كېتىلىپ، ساقچى ئىدارىسىدە سوراققا تارتىلغان. ساقچىلار ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېچىسى ئۇخلاتماسلىق، سۇ ئىچكۈزمەسلىك ۋە ساقىلىنى يۇڭداشتەك جازالارنى بەرگەن. 6 ئاي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن سالامەتلىك سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، 2001 – يىلى 5 – ئايدا يەنە تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ قېتىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، ئاقسۇ تارىم لاگېرىدا دەل 2 يىل خىش زاۋۇتى بىلەن ئېتىزلىقتا كېۋەز تېرىشقا سالغان.

مەمەت ئېلى ئەپەندى 2003 – يىلى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن كورلىغا قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ، ساقچى ئىدارىسى يەنىلا نازارەت قىلىپ ئاراملىق بەرمىگەن. بۇنى كۆرگەن مەمەت ئېلى 2006 – يىلى 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن دۆلەت قىرغىزىستانغا تاغلارنى ئېشىپ، قارلارنى كېچىپ قېچىپ چىققان. قىرغىزىستاندا 2 يىل تۈرمىدە قامىلىپ، قىسمەن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن مەمەت ئېلى ئۇ يەردە توي قىلىپ بالا – چاقىلىق بولغان. 9 يىل قىرغىزىستاندا تۇرغان بولسىمۇ، پۇقرالىققا ئۆتەلمىگەن مەمەت ئېلى ئەپەندى، 2014 – يىلى تۈركىيەگە قېچىپ چىققان.

ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەنلىكىنى، 40 يىللىق ھاياتىنىڭ كۆز قىسمىنىڭ ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى پەقەتلا ساقال قويدى دەپ جازالىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆزىگە ئوخشاش ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، ھەتتا كۆز ساندا ئۇيغۇرنىڭ قىرغىزىستان تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ensizlik-07092016000831.html

Share
1417 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.