logo

trugen jacn

خىتايدىكى 66 شەھەرنىڭ ھاۋاسى ئەڭ ئاساسىي سۈپەت ئۆلچىمىگىمۇ يەتمىگەن

خىتايدىكى 74 شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا سۈپەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 66 شەھەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي مۇھىت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان رەقەملەردىن قارىغاندا، 2014 – يىلى يۇقىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئىنسانلار نەپەس ئېلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسىي ئۆلچەمگىمۇ يەتمىگەن بولۇپ، مۇھىت مىنىستىرلىقى بۇ، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن زور تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاكى يېقىنقى يىللارغىچە ئۆزىدىكى مۇھىت مەسىلىسىنى يوشۇرۇپ، ئۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ھاۋا سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئاساسلىق ئاپتوموبىللاردىن چىققان گاز ۋە كۆمۈر سەۋەب بولىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردا زەھەرلىك گاز ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا توك ئىنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ كۆمۈرگە قاراشلىق بولۇشى بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئىشقا ئىشىشىنى ئىمكانسىز قىلماقتا ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-hawa-bulghunish-02032015205110.html

Share
1503 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.