logo

trugen jacn
12 فېۋرال 2015

خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى زەربە نىشانىغا ئايلانغاندەك ھېس قىلىدىكەن

 

 

چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلانغان راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتايدا سودا قىلىدىغان كۆپىنچە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

راي سىناشنى ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئېلىپ بارغان.  راي سىناشقا قاتناشقان 57 پىرسەنتتىن ئارتۇق شىركەت باھا بېكىتىش ۋە شى جىنپىڭ باشلىغان چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە  ئايرىم مۇئامىلىگە يولۇققانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇلارنىڭ يەنە 65 پىرسەنتى شۇ خىلدىكى قىيىن ئەھۋاللارنىڭ ئۆز شىركەتلىرىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمى راي سىناش 17 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان يىللىق سودا مۇھىتىنى باھالاش تەكشۈرۈشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

راي سىناشقا قاتناشقان شىركەتلەرنىڭ 47 پىرسەنتى ئۆزلىرىنى خىتايدا قارىشى ئېلىنمايدىغان مېھماندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.  بۇ سان ئالىقىنى يىلدىكى 44 پىرسەنتتىن بۇ يىل 3 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ 57 پىرسەنتى خىتايدىكى ساپا مەسىلىسى تۈپەيلى ئىقتىدارلىق خادىملارنى ئىشقا ئېلىشتا قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/amerika-shirkiti-02112015165231.html

Share
1504 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.