logo

trugen jacn
03 ئاپرېل 2015

خىتايدا جۇ يوڭكاڭنىڭ سوتلىنىشى زىلزىلە پەيدا قىلدى

9618873135inyolsuzluk

خىتاي سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى جۇ يوڭكاڭنىڭ پارىخورلۇق قاتارلىق بىر قانچە جىنايەت بىلەن سوتلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋە سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى جۇ يوڭكاڭ ئۈستىدە، پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ سوت ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىستىخبارات، ئىچكى ئىشلار ۋە سوتقا مەسئۇل بولغانلىقتىن «خەۋپسىزلىك چار پادىشاھى» دەپ ئاتالغان جۇ يوڭكاڭ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا ماددىي مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنى زىيانغا ئۇچرىتىش، سىياسىي رەقىپلىرىنى مەخپىي ئاڭلاش، تەھدىت سېلىش ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، جۇ يوڭكاڭنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى، پارا ئالغانلىقى ۋە ئايالىنى ئالدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
جۇ يوڭكاڭ خىتاي تارىخىدا ئەڭ چوڭ ھوقۇق ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن تۇنجى ئەمەلدار بولۇپ قالدى.
جۇ يوڭكاڭ 2014 – يىلى دېكابىر ئېيىدا خىتاي كومپارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

Share
1493 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.