logo

trugen jacn

خىتايدا باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچى باشلىقى مەمەتجان توختىنىيازدىن ئۆگىنىش دولقۇنى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

58e97717-e3a0-41ea-9eb4-a128884f77dd

شۆھرەت ھوشۇر

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇلتۇر 18-سېنتەبىر باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچى باشلىقى مەمەتجان توختىنىيازغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇلتۇر يىل ئاخىرى،ئىلغار كومپارتىيە ئەزاسى، دەپ نام بەرگەن، ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئېلان قىلغان. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇنىڭغا مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك قەھرىمان دەپ نام بەرگەن ئىدى. بۈگۈنكى خىتاي خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە پۈتۈن خىتاي ج خ ساھەسىدە مەمەتجان توختىنىيازدىن ئۆگىنىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. بىر دوكلات بېرىش گۇرۇپپىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بېيجىڭدا مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

ئۆتكەن ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى كۆپىنچىسى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ئۇيغۇر رايونىدىكى 33 نەپەر ساقچى قەھرىمانىنى ئېلان قىلغان، مىنىستىرلىق يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تىزىملىكنى توردىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدى. بىز ئەينى چاغدا بۇ 33 قەھرىمان ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغىنىمىزدا يەرلىك ساقچىلار، بۇ 33 قەھرىمان ئىچىدە مەمەتجان توختىنىيازدىن باشقىسىنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. يەرلىك ساقچىلار يەنە مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قىزىنىڭ خوتەن قاتارلىق جايلاردا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە خىزمەتداشلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر دوكلات ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ۋە ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئەينى چاغدا 56-كۈنىگە قەدەر دۇنيادىن يوشۇرۇلغان باي ۋەقەسى ۋە ئۆلۈمىدىن 2 ئايغا قەدەر نامى ۋە ئىش-ئىزلىرى تىلغا ئېلىنمىغان مەمەتجان توختىنىياز ئارىدىن 8 ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي خەۋەرلىرىدە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتا. ئۆتكەن جۈمە كۈنى بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيى زالىدا دوكلات بەرگەن مەزكۇر ئۆمەك، بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىدە دوكلات بەرگەن ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى شيا يۈلۇڭ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. دوكلاتتا مەمەتجاننىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كۆرسەتكەن خىزمىتى قەھرىمانلىق دەپ مەدھىيىلەنگەن؛ ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، مەمەتجاننىڭ پەقەت ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش تاماسى بىلەن سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، گۇماندارلارنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇنىڭ ۋەقە مەيدانىدىكى پوزىتسىيە ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە ھېچقانداق بىر باتۇرلۇق ئالامىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۈگۈنكى شىنخۇا ۋە جېجياڭ خەۋەر تورى قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئىلغارلىق ۋە ئالىيجانابلىق دەپ تەسۋىرلەنگەن؛ خىتاي خەۋەرلىرىدىن بىرىدە مەمەتجان توختىنىيازنىڭ بىللە ئۆسكەن ۋە بىر قورۇدا چوڭ بولغان بىر دوستىنى ئاتالمىش تېررورلۇققا چېتىلىپ قالغاندا ئۆزى قولى بىلەن تۇتقانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇلغان. ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئۆز مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن گۆرۈگە ئالغان 4 نەپەر ئۇيغۇر چارلىغۇچىغا چېقىلمىغان گۇماندارلارنىڭ مەمەتجان توختىنىيازنى ئەپۇ قىلمىغانلىقى ۋە غەزەپ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى، يەنى مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئۆلۈمىگە ئۇنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ئىش تۇتقانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەمەت توختىنىيازنىڭ قىزى، خىزمەتداشلىرىدىن تۇرغۇن موللەك، ئادىلجان تۇرسۇن، جياڭشەن، ياڭخۇا، ياڭۋېي قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن دوكلات ئۆمىكى ھازىرغا قەدەر 30 نەچچە مەيدان دوكلات بەرگەن، 40 نەچچە مىڭ ئادەم دوكلاتنى ئاڭلىغان، ‏ ئاڭلىغانلار تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلغان. ئەمما ئىلشات ھەسەن ۋە مەمەت توختى قاتارلىق ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىل دوكلاتنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنى سۆيۈندۈرسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئاۋام خەلقنى تەسىرلەندۈرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە ئاۋام خەلقنىڭ مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئەپتە-بەشىرىسىنى تېخىمۇ تولۇق بىلىۋېلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-teshwiqati-05092016145454.html

Share
1492 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.