logo

trugen jacn

خىتايدا ئاياق مايلامچىسىدىن ئىشىك باققۇچىغىچە ھەممەيلەن جاسۇسلۇققا سەپەرۋەر قىلىنماقتا

140528105744_cn_beijing_subway_queues_01_624x351_reuters
 

  ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى:    بەيجىڭدە چىقىدىغان “شىنجىڭباۋ-يىڭى بەجىڭ گىزىتىسى”نىڭ 23.ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلىدۇ؛ بىيجىڭ شەھرىنىڭ يۈئە تەن رايونىدا ئاياق مايلامچىسى،قول ھارۋىسىدا يىمەك-ئىچمەك ساتقۇچى،گىزىت بوتكىلىرىدا گىزىت ساتقۇچىلار، ئاممىۋى ماشىنا تۇختۇتۇش مەيدانلىرىدىكى خىزمەتچىلەر،كوچا تازىلىق ئىشچىسىلىرى قاتارلىقلاردىن 603 كىشىلىك “تىرور گۇماندارلىرى”نى پايقىغۇچى جاسۇسلار تورى قۇرۇلدى.ئۇندىن باشقا يۈئە تەن رايونىدىكى 2400 نەپەر بىنانىڭ ئىشىك باققۇچىسى بۇ ئىشقا جەلپ قىلىندى

       بەجىڭ شەھرىدە جەمئى 850مىڭ كىشى “تىرورچىلارنى ئالدىن مەلۇم قىلىش”ئالاھىدە جاسۇسلۇق ۋەزىپىسى بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلدى.ئۇنىۋەرسىتىتلەردىمۇ بۇ خىزمەت ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار تىزىملانماقتا

گىزىتنىڭ خەۋىرىدە، ساقچى مەركىزىگە قول تەلىپۇنىدىن بىر قەتىم ئۇچۇر ئىۋەتىلسە 2 يۇۋەن (50كۇرۇش تۈرك لىراسى ياكى 0.3 سەنت دولار) مۇكاپات بىرىلىدۇ.ئەگەر بىر كۈندە 3 قەتىم ئۇچۇر يوللىغان كىشى ئايدا 200 يۇۋەن مۇكاپات ئالىدۇ،دەپ يىزىلغان

     ھازىر خىتاينىڭ ھەر بىر ئۆلكىسى،چوڭ شەھەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن “تىرورچى”نى ئالدىدىن مەلۇم قىلغان ئىختىيارى جاسۇسلارغا بىرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى بەس-بەس بىلەن ئىلان  قىلماقتا

        خىتاي ھۈكۈمىتى يەقىنلىشىۋاتقان ئۆلۈمىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، ئىچكى زىددىيەتنىڭ نىشانىنى بۇراپ، خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقانلىقىنى سەگەك خىتاي زىيالىلىرى تونۇپ يەتمەكتە

مەنبە

 

中国全民“反恐” 学生菜贩鞋匠齐上阵

Share
1820 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.