logo

trugen jacn

خوڭكوڭدا خىتايغا قارشى يەنە بىر يۇقىرى دولقۇن: 2 مىليون كىشى نامايىش قىلدى

خىتايغا قايتۇرۇش قانۇن لايىھەسى ۋاقتلىق توختىتىلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭدا 2 مىليون كىشى بۇ قانۇننىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ۋە باش مەمۇرنىڭ ئىستىپبا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى.

خىتاينىڭ خوڭكوڭ(شياڭگاڭ) ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلۇشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، خوڭكوڭنىڭ باش مەمۇرى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇشنىڭ ۋاقتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

16- ئىيۇن  يەكشەنبە كۈنى شەھەر ئاھالىلىرى خەلق كىشىلىك ھوقۇق فرونتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قارا كىيىم كىيىپ كوچىلارغا چىقىپ نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشىچە، نامايىشلارغا ئىككى مىليونغا يېقىن كىشى قاتناشقان. ساقچى تەرەپ بولسا، نامايىشقا قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ 338 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

49224493_401

بۇ خوڭكوڭدا بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن 4- قېتىملىق نامايىش ئىدى. 16- ئىيۇن كەچتە، باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئېى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى يېتەرسىزلىكنىڭ جەمئىيەتتە ناھايتى چوڭ زىددىيەت ۋە دەتالاش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى ۋە ئازابلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن شەھەر ئاھالىلىرىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن باياناتىدا قانۇن لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە توختالمىدى.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بىر قاتىللىق دىلوسى سەۋەبلىك «جىنايەتچىلەر نىزامنامىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن بۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار بولسا، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاياق ئاستى قىلىنغان خىتايغا قايتۇرۇلىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

49145685_303

9- ئىيۇن، خوككوڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاق كىيىم كىيىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، بۇ خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن بۇيان نامايىشقا قاتناشقان كىشى سانى جەھەتتە رېكورت ياراتقان. 12- ئىيۇن، نامايىشچىلار قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنى قورشىۋېلىپ، قانۇن لايىھەسىنىڭ قاراپ چىقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، نەتىجىدە نامايشىچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىققان.

http://turkistantimes.com/uy/news-10830.html

Share
4871 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.