logo

trugen jacn
28 ماي 2014

خوتەن ۋەزىيىتى جىددىي، خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك

 

گۈلچېھرە

ئۈرۈمچى «22-ماي» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىكى جايلار تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى سىستېمىلىق زەربە بېرىپ قوماندانلىق شتابى ۋە گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، چارلاش-تىزگىنلەش ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلار، كىشىلەر توپى ئىچىدە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىغان. كەنت ساقچىخانىلىرى كۆچمە نوپۇستىكىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى مۇھىتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى قوغداشنى كۈچەيتتى، خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ساقچىخانىسى بىلەن بىللە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

ئاشكارىلىنىشىچە 28-مايدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك قوراللىق قىسىملار بىلەن ماسلىشىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ئائىلىلەر، كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ۋە نۇقتىلىق باشقۇرۇپ، مەخسۇس ئىنتېرنېت ۋە ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن چ چ، ئۈندىدار قاتارلىقلاردىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. شۇ جاي ۋاقتى سەيشەنبە كېچە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۇما ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر تورخانا خوجايىنى «خوتەن ۋىلايەتلىك تېررورلۇققا زەربە بېرىش قوماندانلىق شتابى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇقتۇرۇشتا بۇ خىل كونتروللۇق ھەرىكەتنىڭ قاچانغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن.

خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىنىڭ بىر ئۇيغۇر ساقچىسى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە قارىتا كونتروللۇق باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەتتە پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى دائىرىسىدە ئابونتلارنىڭ ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن 17 خىل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشى كاشىلىغا ئۇچرايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، «چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى» دېگەن باھانىدە توردا ئۇچۇر يوللىغۇچىلارغا زەربە بېرىشنى باشلىغان. 19-ماي كۈنى دائىرىلەر 39 ئۇيغۇرنى ئىنتېرنېتتا «تېررورلۇق ۋە جىھادقا ئۈندەيدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرگەن»، «مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان» دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

خوتەن شەھەرلىك مەلۇم ئاھالىلەر كومىتېتىدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئايال كادىر، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە خەلقنىڭ رايىنى ئېلىش خىزمىتىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خوتەننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ خۇددى ئۇرۇش مەيدانىدەك جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ۋىلايەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى، مەھەللە ساقچىلىرى «تۆت پېشقەدەم»لەر ۋە پارتىيىگە كىرىش ئاكتىپلىرى، ئاياللار ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە كەنت ۋەكىللىرى دائىرىلەرگە ماسلىشىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈش، تەربىيىلەش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش سالمىقىنى كۈچەيتكەن.

خىتاي ساقچىلىرى 23-ماي سەھەردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا «نۆل نۇقتا» دىن تازىلاش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ قاتتىق زەربىدە 200 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «جىنايەت گۇماندار» ئىنى، 23 «زوراۋانلىق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن چېتىلىدىغان» تەشكىلاتنى ۋە 200 دىن ئارتۇق پارتلىتىش بۇيۇمىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلار 1980-ۋە 90‏-يىللاردا تۇغۇلغان ياشلار ئىكەن. بىراق ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، پەقەت توردا مۇستەقىللىق ۋە پەرقلىق دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەن، تورغا چاپلىغان ياشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

دائىرىلەر «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نىڭ بىر يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە «غەيرىي مۇنتىزىم ۋاسىتىلەر»نى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. دائىرىلەرنىڭ-5 ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق ھارپىسىدا خوتەن تەۋەلىكىدە ئالاقە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قايتىدىن قامال قىلىشى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا، رادىئومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا، پىكىر ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقلىرىغا ئېغىر تاجاۋۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت يەنە «خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى كەلگۈسى بىر يىللىق كۈرەش پىلانى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەسلىدىلا ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش باستۇرۇشلىرىغا يەنىمۇ قانۇنلۇق يول ئېچىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھالبۇكى خىتاي ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا، ئىككىنچىدىن، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىپ تېخىمۇ زور جامائەت پىكرى ۋە قارشىلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى توسماقچى، ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىمۇ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە يەنىمۇ زور ئۆز ئارا قارشىلىق ۋە پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ زورىيىشىنىڭ ۋە ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جامائەتچىلىكنى خىتاينىڭ ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىمىز ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-weziyiti-05272014164400.html

Share
1982 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.