logo

trugen jacn
26 ئاپرېل 2014

خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن گۈلقازما ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە بىر كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا

 

شۆھرەت ھوشۇر
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى يەنى 14 – ئاپرىل كۈنى بىر ئاڭلىغۇچىمىز رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ، خوتەننىڭ گۇما ناھىيە بازىرىدىكى گۈلقازما دېگەن جايدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ شۇ كۈنكى ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا گۇما بازارلىق ساقچىخانا گۇما ناھىيە بازىرىدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى يوشۇرالمىغان بولسىمۇ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى گۈلقازمىدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى كەسكىن ھالدا رەت قىلغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل مەزكۇر تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەردىن بىرى گۈلقازمىغا يېقىن جايدىكى بىر مەسچىتكە كىرىپ چىققان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ مەسچىتكە قاراۋاتقان كادىرلار بىلەن گەپ تالىشىپ قالغانلىقىنى ۋە ۋەقەگە ئارىلاشقان ساقچىلارنىڭ بىر ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى پاش قىلدى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

بىزگە كەلگەن ئۇچۇردا، ۋەقەنىڭ گۇما ناھىيە بازىرىدا يەنى قاتناش بېكىتىنىڭ يېنىدىكى گۈلقازما دېگەن جايدا يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان، ئۇچۇر بەرگۈچى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئادەملەر ئولاشقان نەق مەيداندىن ئۇچۇر بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ نېمە ئۈچۈن كېلىپ چىققانلىقى ۋە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن. بىز بۈگۈن ئالدى بىلەن گۇما بازارلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. بىر ياردەمچى ساقچى خادىمى، بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ساقچىخانا باشلىقى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

خادىم: بازارلىق ساقچىخانا!

مۇخبىر: بۈگۈن ۋەقە يۈز بەرگەن يەر گۇلكېزەرمۇ، گۈكەزدىمۇ؟

خادىم: روھلان دېگەن يەردە يۈز بەردى، قاتناش بېكەتنىڭ يېنىدىلا.

مۇخبىر: ۋەقە نېمە ۋەقە ئىكەن؟

خادىم: مەن ئۇقمىدىم، ھازىر ساقچىلار شۇلارنى ئەكىلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا كەتكەن.

مۇخبىر: جەسەتلەرنى ئەكىلىش ئۈچۈنمۇ؟

خادىم: ئۇنى بىلمىدىم، توختاڭ تېلېفوننى باشلىقىمىزغا – ئەخمەتجانغا بېرەي…….

مۇخبىر: ئەخمەتجان ياخشىمۇسىز؟ بۈگۈنكى گۈلقازمىدىكى ۋەقە نېمە ۋەقە؟

خادىم:……………

بىز بۇ خادىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەي تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى دەسلەپتە ۋەقەدىن يېتەرسىز ھالدا مەلۇماتى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئارقىدىن گېپىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ گۇمادا ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلدى:

مۇخبىر: بۈگۈن گۈلقازمىدا يۈز بەرگەن نېمە ۋەقە ئۇ؟

خادىم: بىزمۇ تېخى تەپسىلىي بىلىپ بولالمىدۇق.

مۇخبىر: ھازىرغىچە بىلگىنىڭلار قانچىلىك؟

خادىم: توختىڭە باشلىقىمىزدىن سوراپ باقاي.

تېلىپوننى قايتا ئۆزى ئالغان خادىم، گۇمادا ھىچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ كايىشقا باشلىدى:

خادىم: سىز ھەممە يەرگە تېلېفون قىلىپ گۇلقازمىدا نېمە بولدى دەپ سوراپ يۈرۈپسىز، ئاۋارە بولماڭ، بۇ يەردە ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىدى.

مۇخبىر: بىز بازارلىق ساقچىخانىدىن سوراپ بولدۇق، ساقچىخانا خادىمى ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغىلى كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بولدى.

خادىم: ياق، بۇ يەر ناھايىتى جىمجىت، ھېچ ئىش بولمىدى.

مۇخبىر: بىز ۋەقەنى ئاڭلىغىنىمىز ۋە ساقچىخانىنىڭ ئېتىراپ قىلغىنى بويىچە ئېلان قىلساقمۇ قىلىۋېتىۋىرىمىز، سىلەردىن پەقەت تەپسىلاتىنى سوراۋاتىمىز.

خادىم: بىز جاۋاب بەرمەيمىز، سىزمۇ سورىماڭ بۇ ئىشنى.

مۇخبىر: گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرمىدى دېدى دەيمىزمۇ؟

خادىم: شۇنداق، ھېچقانداق ئىش يوق، گۇما ناھايىتى جىمجىت، ئاۋارە بولماڭ.

بىز ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن گۇما ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئاھالىلەردىن بىرى، گۈلقازمىدىكى ۋەقەدە بىر كىشى ئۆلگەنلىكىنى پاش قىلدى:

ئاھالە: مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئوغلى ئىدى، مەسچىتتىن قايتقاندا مەسچىتكە قارايدىغان كادىرلار بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان ئىكەن، كادىرلار ساقچىلارنى چاقىرغان چېغى، ساقچىلار يېتىپ كېلىپ ئېتىۋېتپتۇ، جەسىتىنىمۇ بەرمەپتۇ، دوستۇم يىغلاپلا تۇرىدۇ، مەنمۇ چىدىماي يىغلىۋەتتىم.

مۇخبىر: ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى نېمە، ساقچىلار قايسى ساقچىخانىنىڭ؟

ئاھالە: بۇ گەپلەرنى دەپ بېرەلمەيمەن، ماڭىمۇ جان كېرەك……

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/guma-weqesi-04252014233403.html

Share
1945 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.