logo

trugen jacn

خوتەن يېڭىئاۋات ۋەقەسىدىكى گۇماندارلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

13c9145d-f41a-44d9-89be-0b8c21e7d71a

شۇ ئاينىڭ 5‏-كۈنى خوتەننىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا بومبا ياساش گۇمانى بىلەن قورشاۋغا ئېلىنغان گۇماندارلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 3 كىشى ئۆلگەن ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى داۋاملىق ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، گۇماندارلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەدە ئۆلگەن 3 نەپەر گۇمانداردىن 28 ياشلىق ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلى بىلەن 27 ياشلىق قاھار ھېمىت، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ يېڭىيەر ۋە تۈۋەت يېزىسىدىن ئىكەن. ئۇلار خوتەن يېڭىئاۋاتنىڭ قارا دۆۋە كەنتىدە يەر ھۆددىگە ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قورشاۋغا ئېلىنغان. تولۇقسىز مەلۇماتلاردا يەنە، ئۇلارنىڭ قاراقاشتا ئىككى خىتاي كۆچمەننى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا مۆكۈنۈپ ياشاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xoten-toqunush-06172014161929.html

Share
1555 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.