logo

trugen jacn

خوتەن يىڭىئاۋات يىزىسىدا 3 ئۇيغۇر ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلدى

 

 

مۇشۇ ئاينىڭ 5 – كۈنى خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن گۇماندارلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 3 كىشى ئۆلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى چۈش مەزگىلىدە بومبا ۋە قورال ياساش گۇمانى بىلەن قورشاۋغا ئېلىنغان 3 گۇماندار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆي ئاختۇرۇشىنى رەت قىلغان. ساقچىلار ھاۋاغا ئوق چىقىرىپ، گۇمانادارلارنى شەرتسىز تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان گۇماندارلار ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقىپ قوللىرىدىكى تىغلىق ئەسۋاپلار بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، ساقچىلار گۇماندارلارنى ئوققا تۇتقان.

ۋەقە ھەققىدىكى بۇ مەلۇماتنى خوتەن ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئەزىز ئەلى، ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن مەزكۇر يېزىدا ئېچىلغان يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما يېزىدىكى بەزى ئاھالىلەر ۋەقەنىڭ ئۆي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققانلىقىنى، ئۆلگۈچىلەردىن بىرىنىڭ 40 ياشلىق ئايال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ۋەقە ھەققىدە ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر خەۋەردە، ۋەقەدە 3 نەپەر ساقچىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكى بايان قىلغان، ئەمما بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى تېخى ئىسپاتلانمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىگە قوشنا بولغان گاۋاش كەنتىنىڭ 6 – مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بەزى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا يېزا كادىرلىرىنىڭ ياغلىق ۋە ساقال تەكشۈرۈش داۋامىدا بىر ئايال كىشىنىڭ يۈزىدىكى پەرەنجىنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يەنە بەزى تاراتقۇلاردا پىدائىيلارنىڭ بومبا ۋە قورال ياساش داۋامىدا پاش بولۇپ قالغانلىقى، ساقچىلار قورشاۋغا ئالغاندا، پىدائىيلارنىڭ تەسلىم بولۇشنىڭ ئورنىغا ئېلىشىپ ئۆلۈشنى تاللىغانلىقى، نەتىجىدە ساقچى تەرەپتىن ئۈچ ۋە پدائىيلار تەرەپتىن 2 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن مەزكۇر يېزىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى، ۋەقە ھەققىدە كوچىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ۋەقەنىڭ تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن بىر قىسىم مېھمانلار ۋە ئۆي ئىگىلىرى بىلەن ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن كادىر ۋە ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى، توقۇنۇشتا 40 ياشلىق بىر ئايال كىشىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنە بەزى ئاھالىلەر بولسا، ۋەقەدە ئىككى تەرەپتىن 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بەزىلەر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى. يېزىدىكى بىر ئىلغار كومپارتىيە ئەزاسى، يېزىنىڭ سابىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سېكرىتارى ۋەقە ھەققىدە ئېچىلغان يىغىندىن ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ناھىيەنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئەزىز ئەلىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى ياسىغان ياكى ساقلىغانلىقىنى گۇمان قىلغان 4 كىشىنى بىر قورودا قورشاۋغا ئالغان. ساقچىلارنىڭ ئۆيگە كىرىشىگە گۇماندارلار يول قويمىغان، ساقچىلار ھاۋاغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ تەھدىت سالغاندىن كېيىن، ئۇلار پالتا قاتارلىق تىغلىق ئەسۋاپلار بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۈچ گۇماندار نەق مەيداندا ئېتىۋېىلگەن، بىر ساقچى ئاپتوموبىلى زىيانغا ئۇچرىغان. ھاكىم سۆزىدە ئاھالىلەرنى ساقچىلار تەكشۈرۈپ كەلگەندە ماسلىشىشقا ۋە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر ھاكىم سۆزىدە گۇماندارلاردىن 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ۋەقەدە ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 40 ياشلىق ئايال ۋە ساقچىلار ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-toqunush-06162014231624.html

Share
1516 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.