logo

trugen jacn

خوتەن ساقچى ئىدارىسى ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش يىلپىزلار ئەترىتى» تەشكىللىدى

a718d387366c35a

ئۆكتەبىر 21- كۈنى خوتەن ساقچى ئىدارىسى خوتەن تەۋەسىدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 50 كىشىلىك ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش يىلپىزلار ئەترىتى» تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئەترەتنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا بۇ ئەترەتنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئاتالمىش «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نى نىشان قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، ئەترەت ئەزالىرىغا ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قورال تارقىتىلغان ۋە 20 دانە موتسىكلىت سەپلەپ بېرىلگەن.

بۇلتۇردىن بۇيان خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا خىتاي ساقچىلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بارغانچە كۆپەيدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەلەرنى «تېررورلۇق ھۇجۇملىرى» دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەلەردىكى ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئېغىر جازالىغان. ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق بېسىم سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-weziyiti-10212014162009.html

 

Share
1465 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.