logo

trugen jacn

خوتەن خانئېرىقتىكى قەمبەر داموللام 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

885c0b8d-eeaf-43fd-b906-f7b90a77af28

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەن خانئېرىق يېزىسىدىكى مەسچىتنىڭ ئىلگىرىكى خاتىپى، 60 ياشلىق قەمبەر داموللامغا 9 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى.

چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن شىۋېتسىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خوتەن تەۋەسىدە ئۆزىنىڭ دىنىي بىلىمى بىلەن خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت تاپقان قەمبەر داموللا قاتارلىق 17 ئۇيغۇر ئۈستىدىن 21-مارت كۈنى خوتەن خانئېرىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوچۇق سوت ئېچىلغان. سوتتا قەمبەر داموللامغا «ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى خىزمىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەمبەر داموللا 1994-يىلى ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە «مۇسۇلمان بولماق تەس» ناملىق شېئىرنى يېزىپ، ئۈنئالغۇغا ئېلىپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، ئەينى چاغدا 15كۈن توختىتىپ قويۇلغان. ئۇ 2002-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس دەپ قارىلىپ، خوتەن خانئېرىق يېزىسىدىكى مەسچىتنىڭ خاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خوتەندە يۈز بەرگەن «خانئېرىق ۋەقەسى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلىرىدە، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قەمبەر داموللامنى لېكسىيە سۆزلەپ، بۇ ھەرىكەتلەرنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلەش»نى تەلەپ قىلغاندا، قەمبەر داموللام رەت قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/diniy-erkinlik-03312015161151.html

Share
1876 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.