logo

trugen jacn

خوتەن ئاقتاش كەنت سېكرىتارى: ھاراق – تاماكىنى زورلىشىمىز دىننى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن

image

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0501-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدە خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكۆي بازار ئاقتاش كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشى تارقالدى. ئۇقتۇرۇشتا دۇكان ۋە ئاشخانىلاردا ئاز دېگەندە 5 تۈرلۈك ھاراق ۋە 5 تۈرلۈك تاماكىنىڭ قويۇلۇشى، قويۇلغاندىمۇ كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلۇشى بۇيرۇلغان ۋە ئەگەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمىسا، سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۈگۈن مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. لاسكۈي بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي قانۇنغا مەسئۇل سېكرىتارى پەرھات روزى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى؛ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى تارتقان ئاقتاش كەنت سېكرىتارى بولسا، بۇ ئۇقتۇرۇشنى بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە خوتەندە 2012 – يىلدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۇكان ۋە ئاشخانىلاردا ھاراق، تاماكا سېتىلمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دىننى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرنى ھاراق، تاماكىغا زورلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

لاسكوي بازارلىق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى پەرھات روزىنى زىيارەت

سوئال: تۈنۈگۈن ئاقتاش كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى دۇكان ۋە ئاشخانىلارغا ھاراق ۋە تاماكىنى مەجبۇر قويۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپتۇ، بۇ قايسى ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن تارقىتىلغان؟

جاۋاب: بۇ ئىش ھەققىدە پارتكوم سېكرىتارى بىلەن كۆرۈشسىڭىز؟

سوئال: بۇ، بازارلىق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ، شەھەرنىڭمۇ؟

جاۋاب: مەن مۇئاۋىن باشلىق، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ھوقۇقۇم يوق….

لاسكوي بازار ئاقتاش كەنت سېكرىتارىنى زىيارەت

سوئال: بۇ ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغىنى قانچە كۈن بولدى؟

جاۋاب: بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنى.

سوئال: بۇ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ، شەھەرنىڭمۇ؟

جاۋاب: لاسكوي بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى.

سوئال: قانداق بىر زورۈرىيەت ياكى قانداق بىر ئاقىۋەتنىڭ ئالدى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى؟

جاۋاب: ھازىر تەۋەلىكىمىزدە دىننى سۇسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ، شۇ بويىچە.

سوئال: كونكرېت بىرەر سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويمىدىمۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە؟

جاۋاب: خوتەندە 2012 – يىلدىن بۇيان كىشىلەر ماگىزىن ۋە ئاشخانىلاردا ھاراق، تاماكا قويمايدىغان بولۇپ كەتتى، ھەتتا ھاراق، تاماكا سېتىپ پايدا ئېلىۋاتقانلارمۇ پايدىنى بىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەردىن قورقۇپ ھاراق سالمايدىغان بولدى…شۇڭا….

سوئال: ئۇنداقتا ھاراق، تاماكىدىن ئۇزاق تۇرۇش بىر ئومۇمى جامائەت پىكرىگە ئايلانغان گەپمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: ئەمىسە، نىمىشقا ھۆكۈمەت بۇنى ئورۇنلاشتۇرۈغاندا ئاھالىلەر رەنجىيدۇ، خەلقىمىزنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايمىز دېمىدىڭلار؟

جاۋاب: ئۇنداق دېمەمتۇق.

سوئال: ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك ھەققىدە بەلگىلىك بىر شەخس ياكى بىرەر گۇرۇپپا مەخسۇس تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەھۋال بارمىكەن؟ يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە نېمە دېدى؟

جاۋاب: ئۇنداق ئەمەس، ئەمما ھاراق ساتساڭ يامان بولىدۇ دەيدىغان گەپلەر بار.

سوئال: ھاراق، تاماكىدىن ئۇزاق تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئەسەبىيلىك دەپ قارىلىۋاتقان گەپمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: ئۇلار ) ئىچمەيدىغان، چەكمەيدىغانلار( كۆپ سانلىقمۇ؟ ئاھالىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟

جاۋاب: 1980 – ۋە 1990 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇنداق، ئاز دېگەندىمۇ 16 – 45 ياش ئارىسىدىكىلەرنىڭ 70 – 80 % ى.

سوئال: سىلەرنىڭ كەنتتە قانچە دۇكان ۋە ئاشخانا بار، ھاراق، تاماكا قويۇلۇشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان؟

جاۋاب : ئاتمىش نەچچە ئاشخانا ۋە دۇكان بار، 3 كۈن ئىچىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇكانلىرىغا قويۇپ بولدى دەپ ئاڭلىدىم، ئەمما تەكشۈرۈپ باقمىدىم.

سوئال: ئاممىنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

جاۋاب: بۇ ئىشقا بىزنىڭ كەنت مۇئاۋىن سېكرىتارى مەسئۇل، ئۇنىڭدىن نارازى بولغان بىرسى بارلىقىنى، بىرسىنىڭ سېكرىتار بىلەن سۆزلىشىپ ئاندىن قوياي دېگىنىنى ئاڭلىدىم، قالغانلىرى ئىچىدە خاپىلىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەن ئاڭلىمىدىم.

سوئال: كەنتىمىز ئاھالىسى يۈزدە – يۈز پىرسەن مۇسۇلمان، بۇنداق بىر تۈزۈمنى يولغا قويساق، ئاممىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ قالىمىز دەيدىغان بىر گەپ ئېسىڭىزغا كەلمىدىمۇ؟ ياكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ گەپ قىلالمىدىڭىزمۇ؟

جاۋاب: بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلماپتىمەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا خوتەن لاسكويدا ھاراق، تاماكا ساتمىغان دۇكان ۋە ئاشخانىلارنى پىچەتلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/haraq-we-din-05022015011631.html

Share
1634 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.