logo

trugen jacn

خوتەندە تاقالغان تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى 5 ئايغىچە ئەسلىگە

e0367b5c-b63a-4d6d-a1b8-6356b4f855b9

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە يەرلىك دائىرىلەر رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 27-مايدىن ئېتىبارەن ئۈندىدار، كيۇ-كيۇ قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تاقىۋەتكەن ئىدى

بەش ئايدىن بۇيان تور ۋە تاقالغان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى تېخىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار توردا ۋە باشقا ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە دىنىي ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكى بار ئۇچۇر تارقاتقان دەپ دائىرىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە، ئېغىر بولغاندا تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان. بۇ ھەقتە خوتەندىن ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئۇيغۇرلار، خوتەندە ھازىر «ھاياتنى قەدىرلەپ چ چ، ئۈندىداردىن يىراق تۇرايلى!» دېگەن كىنايە مودا بولغانلىقىنى، مۇشۇ كىنايىنىڭ ئۆزىدىنلا خوتەن ۋەزىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسلىكىنى ئىما قىلدى

بۈگۈن خوتەن تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى، تورخانا باشقۇرغۇچى ۋە تور ئابونتلىرى ئۈندىدار قاتارلىق بەش ئاي بۇرۇن تاقالغان 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرى مۇلازىمىتىنىڭ تا ھازىرغىچە نورماللاشمىغانلىقىنى دەلىللىدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇق ۋە چەكلىمىسى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئايان ۋە داۋاملىق تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. بولۇپمۇ، بۇ ساھەدە ئۇيغۇر ئېلىدا پەۋقۇلئاددە قاتتىق چەكلىمىلەر ئىجرا قىلىنماقتا. 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت ۋە چەتئەل بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنى 11 ئايغىچە تاقاپ قويغان ئىدى، بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بولغان چەكلىمىسى ھەسسىلەپ كۈچەيدى. بۇ يىل ئىيۇلدا خەۋەر بەرگىنىمىزدەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» باھانىسىدە خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئۈندىدار، كيۇ-كيۇ قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم ئىدى

يەنى بۇ يىل 27-ماي كەچقۇرۇن خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بارلىق تېلېفون ئابونتلىرىغا جۇڭگو كۆچمە تېلېفون ۋە بىرلەشمە تېلېفون باش ئاپپاراتىدىن بىردەك ئۇچۇر كەلگەن. ئۇچۇردا ئۈندىدار قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ۋە شۇ كۈنى كېچە سائەت 12 دىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە بۇنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان

ئۇنىڭدىن كېيىن رادىئومىزغا بۇ ھەقتە كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، يەرلىك دائىرىلەر خوتەننىڭ جاي-جايلىرىدا تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كومپيۇتېر ۋە يانفونىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرمەكتە ۋە بۇ جەرياندا گۇمانلىق دەپ قارالغان نۇرغۇن كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك سالغان ۋە تۇتقۇن قىلغان

بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر دائىرىلەرنىڭ بېسىمى ۋە ئاۋارىچىلىكىدىن ئەنسىرەپ ئەقلى ئىقتىدارلىق ۋە تورغا ئۇلىنىدىغان يانفونلارنى قوللىنىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنىمۇ قوللانماسلىققا مەجبۇر قالغان. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا ئاساسەن پەيشەنبە كۈنى خوتەن تەۋەسىگە قىلغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن خوتەن دىيارىدا 27-مايدىن باشلاپ تاقالغان بۇ تور ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېلىھەم ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەنلىكى مەلۇم بولدى. خوتەندە نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش قىز پەقەت خوتەندىلا ئۈندىدارنىڭ ئېچىلمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

خوتەن شەھەرلىك كۆچمە تېلېفون ئابونتلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇلازىمى تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قاراتقان چەكلىمىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەنلىكىنى دەلىللىدى

بىز يەنە خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى، ئۈندىدار، QQ قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى چەكلەشكە دائىر بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىۋاتقىلى بەش ئاي بولغانلىقىنى، ئەمما بۇ بۇيرۇقنىڭ قاچان بىكار قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

خوتەندىكى قاش تېشى مېھمانسارىيىنىڭ بىر خىتاي مۇلازىمىمۇ مېھمانخانىدا تورغا چىقىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

خوتەندىكى نۇرلۇق يۇلتۇز تورخانىسىنىڭ ئىگىسى بولغان بىر خىتاي كۆچمەن بولسا، ئىنتېرنېت توختىتىلغان بەش ئايدىن بۇيان دۇكان سودىسىنىڭ كاساتلاشقانلىقىنى، ئەمما بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن زىيان تارتسىمۇ بويسۇنماي ئامالى يوقلۇقىنى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئويلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھازىر پەقەت ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تورلارلا ئېچىلغاندىن باشقا، خىتاينىڭ ھەر قانداق جايىدا ئېچىلىدىغان ئادەتتىكى «بەيدۇ» قاتارلىق ئىزدەش تورلىرىنىمۇ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئۇ يەنە «خوتەن نورمال ئەمەس، خەتەرلىك جاي، شۇڭا سىياسەتلەرمۇ شۇنداق ئالاھىدە، نورمال ئەمەس، ئەمما بۇ قاتتىق سىياسەت بىلەن ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولامدۇ ‏-بولمامدۇ، بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ،چىقىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ۋاسىتە قوللىنىشى كېرەكمىكىن دەپمۇ ئويلايمەن» دەپ قىستۇرۇپ قويدى

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تور ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بەش ئايدىن بېرى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل چەكلىمىسىنى قاچان بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ياكى مەلۇمات يوق بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار بەزى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى مۇنازىرە مەيدانلىرىدا، خوتەندە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ خىل چەكلىمىنىڭ ئۇزۇنغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقىنى ۋە باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيتىلىش ئېھتىمالىنى قىياس قىلىشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xoten-alaqe-10162014151439.html

Share
1644 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.