logo

trugen jacn

خوتەندە بىر ئائىلىدىن ئۆز ئۆيىدە ماسكا تاقاپ ئولتۇرغان قىز ۋە كېلىن تۇتۇپ كېتىلگەن

a2729b09-40c8-4964-a007-681d00449364

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرىدە پۈركەنجىنى ئاممىۋى سورۇنلاردا چەكلەش قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجرائات داۋامىدا، چەكلىمە ئاممىۋى سورۇندىلا توختاپ قالمىغان.

خىزمەت كۆرسىتىش ھەۋىسىدىكى بەزى ساقچىلار ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تەقۋادار ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدىكى كىيىنىشىنىمۇ نازارەت قىلغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، پۈركەنچە كىيىش ۋە يۈزىنى ئوراشتا چارىسىز قالغان بەزى تەقۋادار ئاياللار، ئېغىزىغا ماسكا تاقاش ئارقىلىق، ئېتىقادى بويىچە ياشاش ئارزۇسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشقان، خوتەندە دەل مۇشۇ خىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر ئائىلىدىن ئۆتكەن ھەپتە بىر قىز ۋە كېلىن ئۆز ئۆيلىرىدە ماسكا تاقاپ ئولتۇرغىنى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرى-بىرىدىن ئىپتىدائىي ۋە زوراۋان تۈزۈم -بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققانلىقى دۇنياغا سىر ئەمەس؛ ئاتالمىش زامانىۋى ئاڭ، زامانىۋى ھايات شەكلىنى تەشۋىق قىلىپ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە ئائىت باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما بۇ تۈزۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا تېخىمۇ چەكتىن ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ھەتتا بۇ ئىجرائاتلاردا بەزىدە يەرلىك خەلقتىن چىققان بەزى ساقچى ۋە خادىملارنىڭ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقى خەلقئارا جامائەتكە ئۇنچە مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە تۆۋەندىكى ۋەقە خوتەن قاراقاشنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا يۈز بەرگەن.

سېكرېتار: ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرغان، ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشمىغان، بىر كېلىن ۋە قىز يۈزۈڭگە ماسكا تاقىۋاپسەن دەپ ئېلىپ كېتىلدى.

مۇخبىر: كىم ئېلىپ كەتتى، ئەكەتكۈچىلەر ناھىيەنىڭمۇ يېزىنىڭمۇ؟
سېكرېتار: مۇشۇ يەرنىڭ ئادەملىرى، يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ…..

بۇ تۈر زوراۋانلىق تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسى ۋە قوشنىلىرىنىلا ئەمەس، بەزى كەنت ۋە باشلىقلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ۋەقەدىن نارازى بولغان بىر كەنت باشلىقى ئۆز نارازىلىقىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ.
سېكرېتار: مەركەزنىڭ سىياسىتىدە مەسىلە يوق، تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەر توغرا، لېكىن ئىجرائات توغرا ئەمەس.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بولسا يۇقىرىقى قاراشنى رەت قىلىدۇ. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى بۇندىن ئاۋۋالقى تېمىلاردىكى زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق مەسىلىنىڭ يىلتىزى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكىنى، تۈزۈمدىمۇ ئىجرائاتتىمۇ ئوخشاشلا مەسىلە بارلىقىنى، مەركەزنىڭ پەقەت تۆۋەندە چەكتىن ئاشۇرۇلغان ئىجرائاتلارنى بىلىپ تۇرۇپ كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يۇقىرىقى كەنت باشلىقى يەنە ئىجرائاتلاردا مانا مۇشۇنداق يولسىزلىقلار بولغاچقا، خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا، ئامما بىلەن ساقچى ۋە كادىرلار ئارىسىدا مۇناسىۋەت ياخشىلىنىش ئەمەس، بارغانسېرى يامانلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سېكرېتار: بولمىدى، بۇ ۋەزىيەت بولمىدى، مۇقىملىقنى كۈچەيتىمىز دېگەنچە ئارىدىكى ھاڭ چوڭىيىپ كېتىۋاتىدۇ.

يۇقىرىقى سېكرېتارنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ ۋە كەنت باشلىقلىرىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبسىز ئەمەسلىكى ئاشكارىلانماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-01222015145732.html

Share
1502 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.