logo

trugen jacn

خوتەندە ئۈندىدار، كيۇ – كيۇ قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى تاقىۋېتىلگەن

image

 قۇتلان

 

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئۈندىدار، كيۇ – كيۇ قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم.

بۈگۈن خوتەن تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن ئېتىبارەن بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

مەلۇمكى، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاستىلىرى ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن. ۋاھالەنكى، بۇ يىل 5 – ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق قانلىق ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە بولغان چەكلىمىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشكە باشلىغان.

نەق مەيدان تېلېفون زىيارىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 27 – ماي كەچقۇرۇن خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بارلىق تېلېفون ئابونتلىرىغا جۇڭگو كۆچمە تېلېفون ۋە بىرلەشمە تېلېفون باش ئاپپاراتىدىن بىردەك ئۇچۇر كەلگەن. ئۇچۇردا «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» ئۈچۈن ئۈندىدار قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. دېگەندەك شۇ كۈنى كېچە سائەت 12 دىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئۈندىدار ۋە باشقا ئاممىۋىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى بىردەك توختىتىلغان.

خەۋەر تېپىشىمىزچە، بىر ئايدىن بۇيان يەرلىك دائىرىلەر خوتەننىڭ جاي – جايلىرىدا تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىپ، پۇقرالارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تېلېفونىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرمەكتىكەن. تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا ساقچىلار ئالدى بىلەن ھەرقانداق يولۇچىنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ تەكشۈرگەن. بەزى گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ قېلىپ، تېلېفوندا ئاللىقاچان ئۆچۈرىۋېتىلگەن ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارنىمۇ مەخسۇس ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

بىر قىسىم ئاڭلارمەنلەرنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خوتەن خەلقى دائىرىلەرنىڭ بېسىمى ۋە ئاۋارىچىلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئايفون، سۇمسۇڭ گالاكسىي قاتارلىق تورغا ئۇلىنىدىغان يوقىرى ئىقتىدارلىق تېلېفونلاردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە خەلق تورغا ئۇلانمايدىغان ئىلگىرىكى كۇنۇپكىلىق نومۇر تاختىسى بار ئاددىي تېلېفونلارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خوتەن بازىرىدا يوقىرى ئىقتىدارلىق، تورغا ئۇلىغىلى بولىدىغان ۋە ئېكران ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىدىغان تېلېفونلارنىڭ باھاسى بىراقلا چۈشۈپ كەتكەن. ئادەتتىكى كۇنۇپكىلىق نومۇر تاختىسى بار تېلېفونلار قايتا بازارنى ئىگىلەشكە باشلىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-qq-06202014220827.html

Share
1724 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.