logo

trugen jacn

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونغا «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش» بۇيرۇقى چۈشۈرگەن

kocha-charlash-qoralliq-saqchi-herbiy-qeshqer

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تەڭرىتاغ تورىنىڭ چارشەنبىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر شەھىرىدىكى قەشقەر مېھمانخانىسىدا 3 – نويابىردىن 4 – نويابىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئاچقان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن ۋە بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ بىلدۈرۈگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىن «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىق يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىسى ئېزىز مۇسانىڭ مۇنداق دېگەنلىرىنى نەقىل ئالغان : «بارلىق خىزمەتلىرىمىزنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇشىمىز، ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنى يۈك دەپ ئاددىيلا قارىساق بولمايدۇ. ئۇلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق، نوپۇس بېسىمىنى نوپۇس ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.»

ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2 – ، 3 – كەسىپلەرنىڭ كۆلىمى كىچىك، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئاز بولغاچقا، ئېشىنچا ئەمگەكچى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىنىڭ %60ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، دۇچ كېلىۋاتقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى زور ئىكەن.

دەل مۇشۇ يىغىن ئېچىلىۋاتقان كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارىقاش، قەشقەرنىڭ يەكەن، قاغىلىق، ئاقسۇنىڭ ئاۋات قاتارلىق جايلىرىدىكى دېھقانلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىلىرى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

ئارقا – ئارقىدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تۆت بالىسىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى قىزىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتقا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغان خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسىدىكى ئايال، ئىقتىسادىي كىرىمى تۆۋەن ئۆزىگە ئوخشاش نامرات ئۇيغۇر دېھقانلارغا بۇنىڭدىن باشقا ئىش تېپىش يولىمۇ قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەۋزەل كەسىپ بولۇپ، خېلى بىر مەزگىلگىچە يەنىلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق كەسىپ بولۇپ قالىدۇ. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارنىڭ %30ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنداق شارائىتتا دېھقانلار سىرتلارغا ئىشلەمچىلىككە بېرىپ كىرىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىپ باشقا يۇتلارغا بېرىپ ئىش تېپىشى ئۈچۈن، كىملىكتىن باشقا «يېشىل كارتا» بولۇشى شەرت. لېكىن بەزى دھېقانلارنىڭ ئېيتىشىچە دائىرىلەر ھازىر دېھقانلارنى باشقا جايلارغا كەتسە باشقۇرماق تەس بولىدۇ دەپ قولاي كارتا بېجىرىشنى قىيىنلاشتۇرغان.

بۇ ھەقتە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆز يۇرتىدا ئىش تاپالماي يەنە باشقا جايلاردىن ئىش ئىزدەش نىيىتىگە كەلگەن بىر ئىشسىز ياش، ساقچىغا بىر نەچچە قېتىم قاترىغان بولسىمۇ «يېشىل كارتا» ھەل قىلالمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئىش ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسپىمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ كۆرسىتىپ. بۇلتۇردىن باشلاپ،ئالاھىدە قوللاش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ خىتايدىن سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاقسۇ توقۇمچىلىق سانائىتى شەھىرى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە ئارال تەرەققىيات رايونى، ساۋخۇ كەسىپلەر رايونى قاتارلىق توقۇمىچىلىق رايونلىرىنى قۇرۇپ، مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە ئۇنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا ئىدى. ئەمما پىچاندىكى ئىككى ئوغلى ئىشسىز قالغان بىر نامرات ئايال دېھقان ۋە قەشقەردىكى بىر كىشى، يېزا، كەنتلەردە يېقىندىن بۇيان خىتايلار قۇرغان زاۋۇت، كارخانىلار كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ يەرلىك دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىسى بولمايلا قالماي، ئەمەلىيەتتە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئازىيىشىغا، تېخىمۇ كۈپ دېھقاننىڭ يەرسىز ۋە ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنداق نامرات چەت جايدا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيىگە يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/milliy-basturush-11042015220955.html

Share
1041 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.