logo

trugen jacn

جەۋھەر دادىسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن 2016-يىللىق مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى

ilham-toxti-saxarof-yawropa-parlamenti-jewher

11-ئۆكتەبىر كۈنى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر دادىسىغا ۋاكالىتەن، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن 2016-يىللىق مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تاپشۇرۇۋالدى.

مۇراسىم مەيدانىدىن يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جەۋھەر ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ دوستى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەتشۇناس پروفېسسورى ئىللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ، دادىسىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغان. جەۋھەر تەشەككۈر سۆزىدە «بالىلىق دەۋرىمدە دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بۇ قەدەر پىداكارلىق بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز خەلقى ئۈچۈن سۆزلەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتىم. دادام دائىم ماڭا، چوڭ بولغاندا چۈشىنىسەن دەيتتى. مانا ھازىر دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ماڭا قىلغانلىقىنى چۈشەندىم. دادام ئۆز خەلقى ئۈچۈن بەدەل تۆلىدى، بۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ ھامان ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ!» دېگەن.

بۇ يىل 27-ئاپرېل كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى 1991-يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارتېن ئەننالىست نامىغا تەسىس قىلىنغان «مارتېن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ۋە 7-ئايدا مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ئاخىرقى 4 نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان ئىدى.

خىتاينىڭ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىلھام ئەپەندى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىككى يىلدىن بۇيان خەلقئارادا ئۇنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى كۈچەيگەن ۋە ئۇنىڭغا بىرقانچە قېتىم كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بېرىلگەن بولۇپ، 2014-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلھام توختىغا «باربارا گولدسىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى بەرگەن بولسا، 2014 يىلىنىڭ ب د ت مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىسمائىل گاسپىرالى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، 2014-يىلى 31-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى ئىلھام توختى ئەپەندىگە «ئىسمائىل گاسپىرالى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ۋە ژۇرنالىستلار مۇكاپاتى»نى بەرگەن ۋە ئىلھام توختى ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن 2016-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10112016125038.html

Share
1305 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.