logo

trugen jacn

جەۋھەر ئىلھام دادىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىگەچكە تۈرمىدە ياتقانلىقىنى بىلدۈردى

jewher
مېھرىبان

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جەۋھەر 2014-يىل 5-ماي نيۇيورك ئامېرىكا تارىخى مۇزېيىدا دادىسى ئىلھام توختى ئۈچۈن بېرىلگەن ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ پەقەت قەلىمى ۋە تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. جەۋھەر يەنە ئىلھام ئەپەندىنى قوللىغان بارلىق دوستلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دادىسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

«دادام ئىلھام توختىنى بىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مېنىڭ دادام ئۆز يۇرتىنى سۆيىدۇ. ئۇ ھېچقاچان شىددەت يولىنى تەشەببۇس قىلمىدى ۋە قوللىمىدى، بەلكى تىنچلىق يولىنى تاللىۋالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تور بېكىتى ئۇيغۇربىز تورىدا ۋە باشقا تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە،مەتبۇئاتلار زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ۋە دەرسخانىدىكى لېكسىيىلىرىدە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەلەپ قىلدى. ئەسلىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى دادامدەك كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى، دىئالوگ ئىلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ ھۆكۈمەت دادامنى تۈرمىگە سولىدى. ئەگەر دادامنىڭ جىنايىتى بار دېيىلسە، ئۇنىڭ گۇناھى ھۆكۈمەتنى بىئارام قىلىدىغان ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىدۇر !»

يۇقىرىقىلار ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جەۋھەرنىڭ، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى تەرىپىدىن دادىسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن 2014‏-يىللىق «باربارا گولدسىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى بۇ يىل 4-ئايدا، 2014-يىللىق «باربارا گولدسىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى»نىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەينى چاغدا مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ 5-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە تۈرمىدىكى ئىلھام ئەپەندىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەرنىڭ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ئامېرىكا نيۇيورك ۋاقتى 5-ماي كۈنى كەچ سائەت 6 يېرىمدىن 10 يېرىمغىچە نيۇيورك مەركىزى باغچە 79-كوچىدىكى ئامېرىكا تارىخى مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن، 2014‏-يىللىق «باربارا گولدسىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى» مۇراسىمىغا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى تونۇلغان يازغۇچى-سەنئەتكارلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلاردىن تەركىب تاپقان 1000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىمدا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باشلىقى توننىي مورىزىن، بۇ يىللىق باربارا گولدىمىش ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرىدىن يازغۇچى سالمان راشىدى، پۇسسي رىئوت ۋە جەۋھەر ئىلھامغا سۆز نۆۋىتى بېرىلدى.

19 ياشلىق جەۋھەر ئالدى بىلەن دادىسى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا كەلگىنىدىن چەكسىز ھاياجانلانغانلىقىنى ۋە دادىسى ئىلھام توختىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ قەلەم بىلەن تىنچلىق يولى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئادالەت تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بىئارام بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىنىپ، ئاخىرى تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«دادام ئىلھام توختى بىر ئىقتىسادشۇناس ۋە يازغۇچى ئىدى. دادام بىزنىڭ خەلقىمىز يەنى ھازىرقى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ (تۈرك تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ) ئىنسانى ھەق‏- ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغان ئىدى. دادام جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەقسىزلىقلىرىنى ئۆز تور سەھىپىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىدى. دادام قولغا ئىلىنغاندىن بىرى ئۇنىڭ بۇ تور سەھىپىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلدى. دادام يەنە 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلۈپ، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قولغا ئىلىنغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشتىن كىيىن، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. بۇ سەۋەبتىن دادام جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلدى. 2009-يىلدىن باشلاپ دادام ۋە ئائىلىمىز كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىندى. 2013-يىلى 2-فېۋرال كۈنى دادام ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەتقىقاتچى بولۇپ كېلىش سەپىرىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنىپ، مەن دادامدىن ئايرىلىپ يالغۇز ئامېرىكىغا كەلدىم. ئەمما ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان كۈنلىرىم ھەر ۋاقىت دادامدىن ۋە ئائىلىمىزدىن ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتتى. چۈنكى دادام نەزەربەند ئاستىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلىش ئىرادىسىدىن يانمىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار دادامنى ۋە ئائىلىمىزنى كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلدى ھەتتا بۇلتۇر 11-ئايدا دۆلەت ئامانلىقنى قوغداش ساقچىسى دادامنىڭ ئاپتوموبىلىنى كەينىدىن سوقۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەر سۆزلەشتىن يەنە توختىمىسا پۈتۈن ئائىلىمىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى دەپ ئۆلۈم تەھدىتى قىلدى. 15-يانۋار ئۇلار ئاخىرى دادامنى بېيجىڭدىكى ئۆيىمىزدىن ئىككى نارەسىدە ئۇكامنىڭ كۆزى ئالدىدىلا تۇتۇپ ئەكەتتى. ھازىر ئائىلىمىزنىڭ قانداق ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە دادامنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن ھالەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇكىلىرىمنىڭ يىغلامسىرىغان ھالىتىنى سىلەر تەسەۋۋۇر قىلالايسىلەر. تېلېفوندا ئۇكىلىرىمنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىم شۇ قەدەر ئېزىلىدۇ.»

جەۋھەر يەنە، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،«ئائىلىمىز ھازىر ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە، ئەمما مەن يىغلىمايمەن. دادام ماڭا «كۈچلۈك بول! باشقىلار ئالدىدا ياش تۆكمە! ئۇلارنىڭ سېنى ئاجىز كۆرۈشىگە يول قويما! چۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنى ھېچكىم ئاجىز كۆرمەسلىكى كېرەك! مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم ھەققانىي ئىش، بۇنىڭ ئەلۋەتتە تۆلەيدىغان بەدىلى بولىدۇ» دېگەن ئىدى. دادام ئىلھام توختى كۈچلۈك ۋە قەيسەر، ئەڭ مۇھىمى دادام راستچىل. دادام مېنى 18 يىل قوغدىدى. ئەمدى مىنىڭ دۇنياغا دادامنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ۋە نېمە ئۈچۈن تۈرمىدە ياتقانلىقىنى ئاڭلىتىدىغان، پۈتكۈل تىرىشچانلىقىم بىلەن دادامنى قوغدايدىغان ۋاقتىم كەلدى.» دېگەن جۈملىلەر بىلەن سۆزىنى ئاياقلاشتۇرغىنىدا، مۇراسىم قاتناشچىلىرى جەۋھەر ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر دادىسى ئىلھام توختى ئۈچۈن بېرىلگەن «باربارا گولدسىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى»نى تاپشۇرۇۋالغان 5-ماي كۈنى يەنە ئۇنىڭ «ئۇيغۇر دادىنىڭ جەسۇرانە كۈرىشى» ناملىق ئىنگلىزچە ماقالىسى 5-ماي كۈنى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، جەۋھەر بۇ ماقالىسىدە دادىسى ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن.

مۇراسىمدىن كېيىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جەۋھەر، ئۆزىنىڭ 5-ماي كۈنى كەچتە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدىمۇ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر يەنە، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 6-ماي كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا يەنە بىرقانچە مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/jewher-ilham-05062014143336.html

Share
2214 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.