logo

trugen jacn

جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا «قوش تىللىق» مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى 66% گە يەتكە

qosh-til-xoten-mektep-305

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى 2015‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا 66 % گە يەتكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى «قوش تىللىق» يەسلى، باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئاز كەم بىر مىليون 270 مىڭغا يېتىپ بارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2004‏-يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان «قوش تىل» مائارىپى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ قىسقارتىلىپ، رايونىدا خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىر تىللىق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا يول ئاچقان.

بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى «قوش تىل» مائارىپىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئۇنىڭغا سېلىنمىنى كۆپەيتىپ كەلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ پىلانى 2020‏-يىلغا قەدەر «قوش تىل» مائارىپىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا «قوش تىل» يەسلى مائارىپى ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولغان.

خىتاي مائارىپ تارماقلىرى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر رايونىدا «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى 89 % گە يەتكەنلىكىنى، «قوش تىللىق» باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 69 % نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qosh-til-05132016170025.html

Share
1503 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.