logo

trugen jacn

جېڭجۇدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن

7a0833bb-1916-4533-a058-bb269338fae2

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خوڭكوڭدىن تارقىتىلغان بىر قىسىم تور ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىشىچە، – 8سېنتەبىر تاڭ ئېتىش ئالدىدا خېنەننىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە، بىر قانچە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەق مەيداندا ئىككى تەرەپتىن بىردىن ئادەم ئۆلگەن. نۇرغۇن كىشى يارىلانغان. ئۇچۇردا نەق مەيداندىن يەنە كەم دېگەندە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئايرىم – ئايرىم شەخسى ئاپتوموبىلدا قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دائىرىلەر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلماقتا. ئەمما ۋەقە يۈز بەرگەن دائىرىدىكى كىشىلەر ۋەقەنى دەلىللىدى.

سەيشەنبە، خوڭكوڭ ۋە چەتئەللەردە تارقىتىلىدىغان بىر قىسىم خىتايچە ئۇچۇر تور بەتلەر ھەمدە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، – 7 سېنتەبىر يېرىم كېچىدە،خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ تىغلىق ياكى پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقچى بولغان بىر قانچە ئۇيغۇرنى قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن، توقۇنۇش جەريانىدا 20 نەچچە پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان. توقۇنۇش جەريانىدا نەق مەيداندا بىر خىتاي ساقچى ۋە بىر ئۇيغۇر ئۆلگەن.

ئۇندىداردا ۋەقەگە شاھىد بولغۇچىلار تەرىپىدىن تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خەۋەر قىلىنغان بۇ خىل ئۇچۇرلاردا يەنە، ۋەقە بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي نەق مەيداندىن يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ، ئايرىم ئايرىم شەخسى ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ قېچىپ قۇتۇلغانلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ قولىدا قورالى بار، بويى 1 مېتىر 70 سانتىمېتىر كېلىدىغان 30 ياش ئەتراپىدىكى بىرىنى ئاختۇرۇپ ئىزدەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىر قىسىم ئۇچۇرلاردا، بۇ توقۇنۇشنىڭ جېڭجۇ شەھەر مەركىزى رايونى ھېسابلانغان داشۇي يولى بىلەن خۇەيخې يولى كېسىشكەن جايدا يۈز بەرگەنلىكى، دەسلەپ ئامما بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاممىغا تىغلىق ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا بايقىلىپ قېچىپ كەتكەنلىكى، ئارقىدىن ساقچىلارنىڭ قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋە ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ قايتا تېررورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى ئېھتىماللىقى بار دېگەندەك ساراسىم پەيدا بولغانلىقى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ قاتتىق قامال قىلىۋاتقانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن.

بىز تورلاردا تارقالغان بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ۋەقە يۈز بەرگەن دائىرىدىكى بىر قانچە ساقچى پونكىتلىرى، دوختۇرخانا ۋە جېڭجۇ شەھەرلىك ساقچى باش ئىدارىلىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، ئەمما ئۇلار بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ئوخشاش رەت قىلشتى.

خۇەيخې يولى ساقچىخانىسى :

– بىزگە قانداقلارچە تېلېفون قىلىپ سوراپ قالدىڭىز، بىز پەقەت ساقچى پونكىتى، بىزنىڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ سوراڭ.

جېڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى:

– سىز مۇخبىر بولسىڭىز، بۇ ۋەقە ھەققىدە ئەڭ ياخشىسى، ئىدارىمىزنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

– جېڭجۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تاشقى تەشۋىقات بۆلۈمى :

– ھازىر بىزدە دەم ئېلىش ۋاقتى، ۋەقەدىن خەۋىرى بارلار ھازىر يوق، بۇ ئىشقا مەسئۇللارنى ئەتە خىزمەت ۋاقتىدا ئىزدەڭ.

جېڭجۇ مېدېىتسىنا ئۇنىۋېرستېتى – 1 تارماق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى :

– ياق بىلمەيدىكەنمەن. يارىدارنى بىزگە ئەپ كەلمىدى، ئەتراپىمىزدا يەنە بىر قانچە دوختۇرخانىلار بار….

دېيىلىۋاتقان ۋەقەگە بىر كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما جېڭجۇ ياكى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە ئاخباراتقا ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمىدى ۋە خىتايدىن تارقىتىلىدىغان ھەر قانداق ئۇچۇر، ئالاقە ۋاستىلىرىدىمۇ بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات يوق.

بىز يەنە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردىكى ۋەقە نەق مەيدانى ئەتراپىغا تېلېفون قىلىپ ئاممىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، ۋەقە بولغان خۇيخې يولىدىكى «چيەن دۇ» مېھمانسارىيىنىڭ بىر كۈتكۈچىسى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ شۇنداق بىر ۋەقە بولغانلىقىنى دەلىللىدى :

– بۈگۈن ئەتىگەن سىلەرنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇش ۋەقەسىنى بىلەمسىز ؟

– بىزنىڭ مېھمانساراينىڭ ئالدىدىكى يولدا يۈز بېرىپتىكەن، ئۆزەم كۆرمىدىم، باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، خۇەيخې يولىدا ئاخشام بىر شىنجاڭلىق كىشىلەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىكەن، كېيىن ساقچىلار كېلىپ ئېتىۋېتىپتۇ. پەقەت شۇ ئۆلگەن ئادەم شىنجاڭلىقكەن دەپ ئاڭلىدىم، باشقىسىدىن خەۋىرىم يوق.

خۇەيخې يولى بىلەن داشۇي يولى ئاچىسىغا جايلاشقان «جۇڭشىن» كېچىلىك بەزمىخانىسىغا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىز شۇ جاي ۋاقتى 0دىن ئاشقان ئىدى، ۋەقەنىڭ بەزمىخانىدىن 100مېتىر يىراقتا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بەزمىخانا دىرېكتورى، ۋەقەنىڭ ئىشىك ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما ئوق ياكى پارتلاشنى ئاڭلىمىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ساقچى ۋە ئادەمنىڭ توپلاشقانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، باشقىسىنى كۆرۈشكە ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە دائىرىلەرنىڭ بۈگۈن بارلىق تېررورچىلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتىپ نورمال تىجارەت قىلىۋەرسە بولىدىغانلىقىنى ئوقتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

– ئاڭلىسام ئۆلگەنلەرنىڭ بىرى ساقچى ئىكەنغۇ؟

– ئۇنى بىلمىدىم، ۋەقە بولغاندا يوللارنى توسۇۋەتكەنتى، ئاڭلىشىمچە، تېررورچىلار بۇ يولدىن ئۆتمەكچى بوپتىكەن، ساقچىلار توسىۋاپتۇ شۇ.

– نەنىڭ تېرروررچىلىرى ئىكەن.

– ئەلۋەتتە شىنجاڭلىق بولىدۇ – دە.

– ئاڭلىسام يەنە قېچىپ كەتكەنلەرمۇ باركەنغۇ ؟

– ئاڭلىمىدىڭىزمۇ، بۈگۈن ھەممىسىنى تۇتۇۋاپتۇ.

– ، سىلەر بىخەتەرلىكىڭلاردىن ئەنسىرىمەمسىلەر ؟

– بىزنىڭ بۇ يەرگە بەرىبىر شىنجاڭلىقلارنى كىرگۈزمەيمىز.

– نېمە ئۈچۈن كىرگىلى قويمايسىلەر ؟

– ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا، مېھمانخانىلارغىمۇ شىنجاڭلىقلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە دائىرىلەرنىڭ بىر تۇتاش بەلگىلىمىسى بار.

– شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرىسىلەر ؟

– چىرايىدىن قاراپلا بىلگىلى بولىدىغۇ.

– بۇ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىۋاتقىنىڭلارغا قانچە ئۇزۇن بولدى؟

– خېلى ئۇزۇن بولدىغۇ.

جېڭجۇدىكى ئاممىنىڭ ئىپادىلىرى، بۇ جايدا ھەقىقەتەن – 7سېنتەبىر، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمىزدىن ۋەقەنىڭ جەريانى يەنىلا سۇ يۈزىگە چىقمىدى، ئەمما ئىگە بولغان مەلۇماتلاردىن شۇ يەكۇننى چىقىرىش مۇمكىن«شىنجاڭلىق» يەنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك، مۇلازىمەت قىلماسلىققا ئوخشاش، ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇش، كەمسىتىش سىياسەتلىرى بۇ جايدا، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا داۋام قىلىپ كەلگەن شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بۇ ياقا يۇرتتىمۇ ئوخشاشلا «تېررورچى» دېگەن قالپاق بىلەن قارا قويۇق، باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/zhengzhou-uyghur-09082015225854.html

Share
990 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.