logo

trugen jacn

جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئىمبارگو يۈرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرى

 

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ خىتايدىكى 33 شىركەت ۋە ئورگانغا قاراتقان ئىمبارگوسى 5- ئىيۇن جۈمەدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ ئورۇنلار 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، چۈنكى ئۇلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نازارەت قىلىشىغا قاتناشقان ياكى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قىرغۇچى قورال ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بەرگەن.

يېڭى ئىمبارگو تىزىملىكىدىكى شىركەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئامېرىكا چەكلىگەن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە خىلاپلىق قىلغان ئورگانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاۋار ۋە تېخنىكىسىنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىنى كېڭەيتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى.

ئامېرىكا ”ئەمەلىي گەۋدە“ تىزىملىكىگە قوشۇلغان ئاقسۇ خۇافۇ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق توققۇز يېڭى خىتاي شىركىتى ۋە ئورگىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا قاتناشقان دەپ ئەيىبلەندى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ياكى سودا تەشكىلاتلىرىنىڭ 24 ى خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ياسىغان دەپ گۇمان قىلىندى.

سۈنئىي ئىدراك ۋە چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇرغۇن خىتاي كارخانىلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار CloudMinds، كۆرۈنۈشلۈك سۈنئىي ئەقىل تونۇش شىركىتى Yuntian Lifei، چىراي تونۇش تېخنىكىسى كارخانىسى Yuncong Technology ،FiberHome، سىن كۆزىتىش شىركىتى دۇڭفاڭ ۋاڭلى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى شېنۋاڭ Vision، شاڭخەي يىنچېن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تونۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىمبارگوغا ئۇچرىغان شىركەتلەر ئىچىدە، چىخو 360 تېخنىكا شىركىتى خىتاي ئارمىيىسى بىلەن ئالاقىسى سەۋەبىدىن زەربىگە ئۇچرىغان. بۇ شىركەت خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 360 ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى، 360 كۆرۈرمەن ۋە 360 ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى باشقۇرىدۇ، ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق ماركا.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق تىزىملىك 2019-يىلى ئۆكتەبىردىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى سودا قارا تىزىملىكلىرىنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەن.

2019-يىلى ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى Hikvision ۋە جېجياڭ داخۇئا قاتارلىق 28 خىتاي شىركىتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنى ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، چۈنكى بۇ شىركەتلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىش ئۈچۈن بىر قىسىم تەدبىرلەر قوللىنىلماقتا، بۇلار بۇ رايونغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى توقۇمۇچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك شىركەتلىرىدىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەر قانداق بىر بۆلىكىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلدى.

http://turkistantimes.com/uy/news-12877.html

Share
2513 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.