logo

trugen jacn
03 ئۆكتەبىر 2016

جۇڭگونىڭ 2015-يىلى ئامېرىكىغا سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى تارىخىي رېكورت ياراتتى

 

 

 

سىنا تورى 3-ئۆكتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:يېقىندا ئېلان قىلىنغان«2015-يىلى جۇڭگونىڭ چەتئەلگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى ئىستاتىستىكىلىق دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىپ، 8 مىليارد 29 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇ بۇ جۇڭگونىڭ چەتئەلگە سالغان بىۋاسىتە مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %5.5 ىنى ئىگلىگەن.ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلىجۇڭگوئامېرىكىغا بىۋاسىتە مەبلەغ سالغان ساھەلەر كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سوممىسى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كەسىپتىن ئۈچى بار ئىكەن. ئامېرىكا ياساش كەسپىگە سالغان مەبلىغى 4 مىليارد 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇنى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا %122.2 ئاشقان بولۇپ، ئامېرىكىغا سالغان مەبلەغ مىقدارىنىڭ %49.9ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئىجارە ۋە سودا مۇلازىمىتى كەسپى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى كەسپى ئايرىم-ئايرىم 2 مىليارد 239 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 1 مىليارد 228 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 2- ۋە 3-ئورۇندا تۇرغان.ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو كارخانىلىرى ئامېرىكىدا جەمئىي 97 قوشۇۋېلىش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ئەمەلىي سودا سوممىسى 13 مىليارد 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە چەتئەل كارخانىلىرى ئارقىلىق قايتا مەبلەغ سېلىپ ئەمەلگە ئاشقان قوشۇۋېلىش 11 مىليارد 190 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، قوشۇۋېلىش سوممىسىنىڭ %85.7 ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇلار شاڭخەي فۇشىڭ خەلقئارا گۇرۇھى 2 مىليارد 520 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئامېرىكا Ironshore سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ %100 پېيىنى قوشۇۋالغانلىقى، ئەنباڭ سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 950 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ۋالدورف مېھمانخانىسىنى سېتىۋالغانلىقى، نىڭبو دىڭلياڭ خۇيتوڭ پاي ھوقۇقى مەبلەغ مەركىزى 1 مىليارد 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا گاۋچېڭ تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ %100 پېيىنى قوشۇۋالغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىغا سالغان بىۋاسىتە مەبلەغ زاپاس مىقدارى كەسىپلەر بويىچە تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ياساش كەسپى 10 مىليارد 719 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئامېرىكىغا سالغان بىۋاسىتە مەبلەغ زاپاس مىقدارىنىڭ %26.3ىنى ئىگىلىگەن، ئاساسلىقى ئاپتوموبىل ياساش كەسپى، قارا مېتال تاۋلاش ۋە پروكاتلاش كەسپى، دورىگەرلىك كەسپى، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەرنى ياساش كەسپى، ئاممىباب ئەسلىھەلەرنى ياساش كەسپى، تۆمۈر يول/پاراخوت/ئاۋىياتسىيە ۋە باشقا تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ياساش كەسپى، مېتاللوئىد كان مەھسۇلاتلىرى ياساش كەسپى قاتارلىقلار

http://finance.bagdax.cn/2016/1003/25891.html

Share
874 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.