logo

trugen jacn

جوۋ يوڭكاڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلدى

 

20140801072515573

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى جوۋ يوڭكاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان. خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر ئورگان جوۋ يوڭكاڭغا رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇپ، ئۇنى قانۇن جاۋابكارلىققا تارتىشنى قارار قىلغان.

شۇ كۈنى يەنە، كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جوۋ يوڭكاڭنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، ئۇنىڭ پارتىيە ئەزالىقىنى بىكار قىلىشنى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، شەخسى نەپسىگە چوغ تارتىش، دۆلەتنىڭ مۈلكىگە ئېغىر زىيان سېلىش، پارىخورلۇق-خىيانەتچىلىك، چېرىكلىك، پاھىشىۋازلىق قاتارلىق قاتارلىق 6 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي قانۇنىدا يۇقىرىقى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، جىنايىتى مۇقۇملاشقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 65 يىللىق ھاكىمىيەت تارىخىدا يۇقىرى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان تۇنجى سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى. جوۋ يوڭكاڭنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتى جاڭ زېمىن، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق سابىق ئەمەلدارلارغا بۇرالدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-emeldar-12052014162429.html

 

Share
1658 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.