logo

trugen jacn

جوش روگېن خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئامېرىكادىكى ھەرىكەتلىرىنى بىتچىت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگېن 10-ئىيۇن كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئامېرىكادىكى ھەرىكىتىنى بىتچىت قىلىش ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

جوش روگېن ماقالىسىدە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن كېيىن خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ چەتئەللەردىكى سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك دىققەت قوزغاشقا باشلىغانلىقىنى، بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇۋاتقان بۇ خەۋپنى ئەمدى يوقىتىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ماقالىسىدە «ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ‹يۇمشاق كۈچ› ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بولسىمۇ، بىراق خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلەر تېخىمۇ تەشكىللىك، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە يوشۇرۇن خەۋپكە ئىگە،» دەپ يازغان.

جوش روگېننىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 150 ئەتراپىدا جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن «جۇمھۇرىيەتچىلەر تەتقىقات كومىتېتى» دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىكى بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدارلارنى جازالاشنىمۇ تەلەپ قىلىدىكەن.

جوش روگېننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ماۋ زېدۇڭدىن قالغان پىكىر بويىچە ئىزچىل ھالدا «خىتاي كومپارتىيەسىگە دوست بولغانلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىش» بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ خىزمىتى يەنىمۇ كېڭەيتىلگەن. ئۇ چەتئەللەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر، چەتئەللەردىكى مۇھاجىر گۇرۇپپىلار، ئالىي مەكتەپلەر ۋە شىركەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتىنى شۇ دۆلەتلەردىكى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن. ئۇ خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مانا مۇشۇ مەقسەتلەر بىلەن ئامېرىكادىكى نۇرغۇن تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەتتا ئاخبارات ئورگانلىرىنى پۇل ئارقىلىق ئۆزىگە قاراتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

جوش روگىن ئەمدى ئامېرىكا جامائىتىنىڭ خىتاينىڭ مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنى تونۇپ يېتىدىغان ۋە ئۇنى يوقىتىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ماقالىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئاخىرلاشتۇرغان: «خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى پەيدا قىلغان خىرىس تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىدى، ئەمدى ھەر ئىككى سىياسىي پارتىيە سىياسىي مەۋقەيىمىز نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭغا ئورتاق ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ماۋ زىدۇڭ ئىلگىرى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنى خىتاينىڭ ‹سېھىرلىك قورالى› دەپ مەدھىيىلىگەن ئىكەن. چۈنكى ئۇ بىزگە تۇيدۇرماي تۇرۇپ، زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان. مانا ئەمدى ئۇنى ئەيىبلەيدىغان ۋە يوقىتىدىغان ۋاقىت كەلدى.»

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/amerikida-xitay-06112020171923.html

Share
2694 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.