logo

trugen jacn

تەھدىت ئاستىدىكى ئالىملارنى كۆزىتىش تەشكىلاتى شى جىڭپىڭدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

src=“http://www.uyghurnet.org/ug/wp-content/uploads/2014/02/Cevher1.png“ width=“305″ height=“427″ />Cevherئۆتكەن جۈمە كۈنى تەھدىت ئاستىدىكى ئالىملارنى كۆزىتىش تەشكىلاتى،(Committee of Concerned Scientists) خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ،15 – يانۋار تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ خەت ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە كەڭ تارقىلىپ ئىنكاس قوزغىدى. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدا بولسۇن.

تەھدىت ئاستىدىكى ئالىملارنى كۆزىتىش كومىتېتى( غەمخور ئالىملار كومىتېتى) 27 – يانۋار كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭغا يازغان ئوچۇق خېتىدە، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئوچۇق خەتتە،«بىز بۇ خېتىمىز ئارقىلىق پروفېسسور ئىلھام توختنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمىز» دېگەن بايانلار بېرىلىپ،ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە يېقىندىن بۇيان بېرىلگەن مەتبۇئات خەۋەرلىرى ۋە بۇ خەۋەرلەرنىڭ غەمخور ئالىملار كومىتېتىنى ئەنسىرەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئوچۇق خەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قاراتقان تەقىپ قىلىش، نازارەت قىلىش ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتى قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى تەنقىدلىنىپ:«بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسات پەنلىرى پروفېسورى ( يەنى مۇئاۋىن پرافېسسور ياكى دوتسېنتى دېمەكچى) ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى. بىز مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 15 – يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ كومپىيۇتېر قاتارلىق ماتېرىياللىرىنىڭمۇ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇق. ھازىرغىچە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قەيەردىلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر يوق. ئىلھام توختى ئەپەندى ھەرقانداق زوراۋانلىق ۋاستىسىدىن مۇستەسنا ھالدا، ئىلمىي يول ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، يەنىلا تۇتقۇن قىلىندى. ھالبۇكى، ئىلھام توختى تۇتقان يول «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامە»گە ئاساسەن قوغدىلىشى كېرەك ئىدى. جۇڭگومۇ بۇ ئەھدىنامىلەرگە قول قويغان دۆلەت» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

ئوچۇق خەتنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭدىن تۆۋەندىكىلەر تەلەپ قىلىنغان:

«بىز سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشىڭىزنى، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئاشكارا چۈشەندۈرۈش بېرىشىڭىزنى شۇنداقلا ئۇ قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇن پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشىنى، ئىلھام ئەپەندىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى، ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى ئاشكارىلىشىنى ۋە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئادۋوكاتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

تەھدىت ئاستىدىكى ئالىملارنى كۆزىتىش كومىتېتى (غەمخور ئالىملار كومىتېتى) 1972 – يىلى قۇرۇلغان، تەخمىنەن 5000 نەپەر ئەزاسى بار خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ،ئوچۇق خەتتە بۇ كومىتېت ھەققىدە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن:

«بىز ئىلىم ئادەملىرىدىن تەركىپ تاپقان مۇستەقىل تەشكىلات، ئارىمىزدا پەن – تېخنىكا خادىملىرى، فىزىكا ئالىملىرى، ئىنجىنېر ۋە ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بار. بىز پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىلىم ئادەملىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە تەتقىقات ئەركنلىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار.»

«غەمخور ئالىملار كومىتېتى» 2013 – يىلى 2 – ئاي مەزگىلىدە ئىلھام توختى ئەپەندى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىشتىن توسۇپ قېلىنغان مەزگىلدىمۇ بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، غەمخور ئالىملار تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى باياناتتىمۇ بۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

15 – يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ بايانات ئېلان قىلىش، ئىمزا توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل چاقىرىق ۋە پائالىيەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى ھەققىدە خەلقئاراغا جاۋاب بېرىشتە مەلۇم تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئوخشاش ئۆز خەلقى ئۈچۈن سۆزلىگەن قەھرىمانلىرىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىشى، سۈرۈشتۈرۈشىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
Cevher

Share
1958 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.