logo

trugen jacn

تەبىئى بايلىقلىرىمىز ۋە مۇستەقىللىق يولىمىز-6

مەھمەتىمىن ھەزرەت

تەبىئى بايلىقلىرىمىز ۋە مۇستەقىللىق يولىمىز-6

 

شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(NATO) غا قوغدۇنىش تەلىپىدە بولۇش ۋە مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننىڭ دۇنياغا يەتكۇزىدىغان پايدىسى

شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللىتمىزنىڭ ھاياتىنى ئەبەدى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەدىنى دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش يولىدىن قەتئى ئاداشماسلىغىمىز كېرەك. قاچان، قايەردە، قانداق تۈرىشىمىز ھايات ماماتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلىدۇر. بۇگۇنكى كۇچ سېلىشتۇرمىسىدا،شەرقى تۈركىستاندىكى پۇتۇن تۇركى خەلقلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندىمۇ ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ دۈشمەننى ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىش ئىمكانىيىتىدىن كوپ ئاجىزمىز. مۇستەقىل دولەتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن بىزنىڭ چىقىش يولىمىز؛ دېموكىراتىك مەدىنى دۇنيا دەپ تەرىپ قىلىنغان خەلقئارا كۈچلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش.
ئۇيغۇرلار، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدا مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىشنى داۋام قېلىشى كېرەك. بىراق بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئورۇن، ھەل قىلىدىغان ئورگان ئەمەس. قارارلار ئېلىنسىمۇ ئېلىنغان قارارلىرىنىڭ مەجبۇرلىغۇچى كۈچى يوق. بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 5 دائىمى ئەزاسىنىڭ بىرسى خىتاي. خىتاي بار يەردە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ پايدىسىغا قارار چىقىشنى ئۇمۇت قىلىش ۋاقىت ئىسىراپچىلىغىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قارارلىرىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا پارلامېنتى تىبەت توغرىسىدا 1987. يىلىدىن باشلاپ تىبەتنى ئاكتىپ قوللاپ كەلدى ۋە تىبەت ھەققىدە كۆپلىگەن قانۇن، قارارلارنى قوبۇل قىلدى. بۇ قانۇن، قارارلار چەتئەلدىكى تىبەتلىكلەر ئۈچۈن زور پايدا ۋە ئىمكانىيەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، تىبەتتە ياشىغان تىبەتلىكلەرنىڭ ئۈستىدىكى خىتاي زۇلۇمىنى يەڭگىللىتىشتە تەسىرى بولغانلىغى كۆرۈلمىدى. خىتايلار، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار… مىللىتىنى يىلتىزىدىن قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن قەتئى ئىرادىگە كېلىپ بولغانلىقىنى ئەندىشە بىلەن كورۇپ تۇرىۋاتىمىز. مەسىلە يالغۇز جازا لاگىرىلا ئەمەس، مىللى قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇسلۇپ، ۋاستىلىرى خىلمۇ، خىل. خىمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە، مىدىتسىنا پەنلىرى ۋە بۇ پەنلەرنىڭ شۇنداقلا زامانىۋى تەخنولىگىيەنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئۇيغۇرلارنى، شەپىسىز، ئامما تېخىمۇ كەڭ كۈلەمدە قىرغىن قىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە. خىتاي قائىدە – قانۇندىن ئەمەس، كۈچتىن ئاڭلايدىغان دۆلەت.
بىز ئۇيغۇرلار شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO)غا باش ئۇرۇپ رەسمى قوغدىنىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. مەن بۇ ماقالەمنى ئوزەمنىڭ NATO غا رەسمى ۋە ئاشكارە باش ئۇرىشى دەپ ھېساپلايمەن. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋاكالىتەن شەرقى تۇركىستان خەلقىنى NATO دىن خىتاي مىللى قىرغىنچىلىقىدىن قوغداش ئۇچۇن رەسمى مۇراجەت قىلىش ئىمزا كامپانىيسى يۇرگۇزۇشى كېرەك. بۇ ھەر بىر ئۇيغۇر ئۇچۇن ۋىجدانى ۋە مىللى ۋەزىپە بولۇپ قالدى. [93] NATO، ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى 29 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بىر ئەسكىرى ئىتتىپاق. NATO دېموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوغدۇغۇچى قاراۋۇللار قۇشۇنىدۇر. 21. ئەسىردە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يەر يۇزىدىن يوقاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققۇسى جاۋاپكارلىقتىن دۇنيا ئەپكارى، بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىيەسىى ۋە ئەركىنلىكنى قوغدۇغۇچى ئەسكىرى ئىتتىپاق بولغان NATO ئوزىنى ئاقلاپ چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس.

NATO بىزگە ئوخشاش ئاجىز مىللەتلەرنى قەتلىيامدىن قوغداپ قېلىش ئۇچۇن قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئوز ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىپ كەلدى؛ بىرىنچى بولۇپ كوممۇنىزىم تەھدىتىنى توسۇش ئۈچۈن [94]1950-1953. يىللىرى كورىيەگە بىرلەشمە قوشۇن ئەۋەتتى ۋە خىتاي ئارمىيىسىنى جەنۇبى كورىيىدىن سۈرۈپ چىقاردى. جەنۇبى كورىيەنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدىدى. 1991. يىلى NATO [95]كۇۋەيتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولتۇق ئۇرۇشىنى باشلاتتى. ئىراققا كىرگەن NATO قىسىملىرىنىڭ تۇنجى ئىشى، ساددام تەرىپىدىن [96]1986 – 1987 .يىللىرى (كۈرتلەرىن ھەلەپچە دېگەن يەردە 5000 كۈرتنى خىمىيەلىك قۇراللار بىلەن ئۆلتۈرىۋەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالىلار ئىدى.) مىللى قىرغىنچىلىققا ئۇچىرغان شىمالى ئىراق كۇرت رايونىدىكى كۈرتلەرنى قوراللاندۇرۇش، ئۇلارنى قوغداش بولدى. شۇ ۋاقىتتىن بويان ئىراق ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئوچاقلىرى بۇ رايون تەۋەسىگە كىردىمۇ ئۇرۇپ چۈشۈرۈلۈپ كەلگەن. ئىراق كۇرت رايونى ئالى ئاپتونوم رايون ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىنسىمۇ 1992. يىلدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى بىر دۆلەتتۇر. ئايرىم پۇلى بار، چىگىرا مۇداپىيە ئارمىيىسى بار. تاموژنىسى بار. بىر دۆلەتتە بولىدىغان بارلىق دۆلەت تەشكىلاتلىرى مەۋجۇت. زىمىنىدىن چىققان نېفت، تەبى گازلىرىنى ساتقانلىقى ئۈچۈن خەلقى باياشات. خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ كۈردىستاننىڭ پايتەختى ئەربىلدە باش كونسۇلى بار.
NATO 1992. يىلدىن باشلاپ بوسنا مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن سىربىستانغا ئېمبارگو قويغان بولسىمۇ، مىللى قىرغىنچىلىق بارغانسېرى ئەۋج ئالدى.200 مىڭ بوسنالىق پۇخرا ئۆلتۈرۈلۈپ، 50 مىڭ بوسنالىق خوتۇن،قىز باسقۇنچىلىققا ئۇچىراپ، 2 مىليون بوسنالىق يۇرتلىرىدىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن ئېغىر ئەھۋالدا، [97] NATO 1995. يىلى 8.ئاينىڭ 30.كۈنى 15 دۆلەتنىڭ 400 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى تەرىپىدىن بومبىلىنىشقا باشلىدى. ھەتتا سىربىستانغا NATO ئايرۇپىلارن ۋە بازىلىرىنى بومبىلاش ئۈچۈن ئىستىغپارات مەلۇماتى بەرگەن [98]بىلگىراتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ NATO ئايرۇپىلانلىرى تەرىپىدىن بومبىلانغان ئىدى. 11. ئاينىڭ 21. كۈنى سىربىستان تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. ئامما NATO ئارمىيىسى 2004. يىلغىچە بوسنا ھەرسەك خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ دۆلەتتە قالدى.

NATO، كوسوۋا خەلقىنىمۇ مىللى قىرغىنچىلىقتىن ساقلاپ قالدى. كوسوۋالىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالبان مىللىتىدىن بولۇپ يۇگۇسلاۋىيەنىڭ ئۇ دەۋىردىكى دۆلەت رەئىسى تىتو 1974. يىلى كوسوۋاغا ئاپتونومىيە بەرگەن ئىدى. 1989. يىلى يوگۇسلاۋىيەنىڭ شۇۋىنىست دۆلەت باشلىغى مىلوسوۋىچ ئاپتونوم رايونننى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كوسوۋا خەلقى قارشىلىق كۆرسىتىشىنى باشلىدى. سىرىپ ھۈكۈمىتى، ئۇلارنى ، تېرورىست،دەپ داۋاملىق باستۇردى. 1995. يىلى ھىرۋاتىستان، بوسنا ھەرسەكنى قولدىن چىقىرىپ قويغان بىلگىرات ھاكىمىيىتى كوسوۋادا مىللى قىرغىنچىلىقنى تىزلەتتى. ئاخىرى [99] NATO 1999.يىلى. 24. مارت كۈنى بىلگىراتنى تەكرار بومبىلاشقا باشلىدى. 78 كۈن توختىماي بومبىلاش نەتىجىسىدە كوسوۋا كوسوۋالىقلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. NATO ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كوسوۋادا ئەسكەر تۇرغۇزماقتا بولۇپ، كوسوۋادا ئەڭ كۆپ ئەسكىرى بولغان دۆلەت تۈركىيەدۇر.

ئۇيغۇر مىللىتى خىتاي تەرىپىدىن 70 يىلدىن بىرى سىياسى ھەرىكەت پەردىسى ئارقىسىدا يېرىم يۇشۇرۇن، يېرىم ئاشكارە مىللى قىرغىنچىلىققا ئۇچىراپ كەلمەكتە. ئاخىرقى 2 يىلدىكى ئۇمۇمىيۈزكۈك قىرغىنچىلىق ئۇسلۇب ۋە ۋاسستە جەھەتتە 2. دۇنيا ئۇرۇشىدا گېتلېرنىڭ يەھۇدىلارغا قوللانغان ئۇسلۇپ ۋە ۋاستىسىنىڭ 21. ئەسىردىكى ۋاريانتىدۇر. بۈگۈن 3 مىليون شەرقى تۈركىستانلىق جازا لاگىرلىرىدا. ۋەتەن سىرتىدا مۇلتىجى بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئارتۇق. بىزنىڭ NATOغا مۇراجەت قىلىپ، قوغداش تەلىپىدە بولۇنۇش ھەققىمىز بار.
ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ كاللىسىدا شۇنداق سوئال پەيدا بولىشى مۇمكىن، بوسنا، كوسوۋا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا زۇلۇم قىلغۇچىمۇ كىچىككىنە سىربىستان. NATO كۈرتلەرنى قۇتقۇزۇپ قويغان بولسا، ئىراق دىگەنمۇ كىچىك دۆلەت بولغاچقا NATO ئاسانلا ساددامنى يەڭدى. ئامما خىتاي ناھايىتى چوڭ، كۈچلۈك دۆلەت. NATO، ئۇيغۇرنى دەپ خىتايغا ئۇرۇش ئاچامدۇ؟ بۇ يەردىكى مەسىلە، NATO نىڭ خىتايغا ئۇرۇش ئېچىش مەسىلىسى ئەمەس، بەكلى خىتاينىڭ NATO دۆلەتلىرىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇپ، ئايرىم ئايرىم مەغلۇپ قىلىش نىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدۇر. شىجىنپىڭ دىكتاتورلۇق خاراكتىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ساددام، مىلوسىۋىچتىن پەرقسىز. ساددامنىڭمۇ، مىلوسىۋىچنىڭمۇ دۇنياغا خۇجا بولۇش نىيىتى يوق ئىدى. ئامما شىجىنپىڭنىڭ بۇنداق قارا نىيىتى بار. كوممۇنىزىم ۋەھىمىسىنىڭ تەكرار باش كۆتىرىشى، دېموكراتىك ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك تەھدىت. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىدى غەربكە ئىلگىرلەيدىغان تۇنجى توسالغۇنى يېمىرىپ تاشلاش.
NATO ، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى دەرھال كۈنتەرتىپكە ئالماسلىقى مۇمكىن. بىراق NATO بىلەن شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مەنپەتى كېسىشكەن نوقتىغا كەلگەندە، ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۇچۇن  ھەرىكەتكە ئوتىشى مۇمكىن. . ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاينىڭ مىللى قىرغىنچىلىقىدىن قوغدىنىش تەلەپنامسىنىڭ NATO ئۈستىلىدە تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم. NATO ئۇزاقتا ئەمەس، دەل بىزنىڭ چىگرا بويلىرىمىزدا. NATO نىڭ شەرقى تۇركىستاندا بولىشى، ئامېرىكا ۋە رۇسيەنى ئوز ئىچىگە ئالغان غەرب دولەتلىرىنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى ۋە ئىستىراتىگىيەلىك ئورنى دۇنيا تىنىچلىقى ۋە باياشاتلىقى ئۈچۈن قانداق پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

 

شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنلا دۆلەتنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرىدىن بىرسى، شەرقى تۈركىستاننى ياۋرۇئاسىيادىكى ئەركىنلىك ۋە بەخت سائادەت جەننىتىگە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى كېرەكلىك بارلىق قانۇنلارنى سۈرئەت بىلەن چىقىرىش ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۈستقۇرۇلما قۇرۇلۇشنى باشلاش بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىلغار پەن – تېخنىكا، ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجىربىسى ۋە مول كاپىتالىغا جىددى ئېھتىياجىمىز بولىدۇ. شەرقى تۈركىستان تاشقىرىغا ئۇچۇق دۆلەت بولىدۇ. ياخشى نىيەتلىك ھەركىمگە قۇچاق ئاچىمىز. يۇقىرىدا ئىسپاتلاپ ئۆتكىنىمىزدەك شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاستى نېفت، گاز ئوكىيانىدۇر. تاغلىرى كان بايلىقلىرى بىلەن تولۇپ تاشقان. بۇ بايلىقلارنى ئالدى بىلەن خوشنىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئاۋراسيانىڭ بىرلىكتە گۈللىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان پروجىلىرىمىز بار. بۇ پروجىلەردىن بىر، ئىككى ئۆرنەك كۆرسىتىپ ئۆتەي؛
1.شىمالدىكى خوشنىمىز روسسىيىنىڭ تەبى گازىنى تۇروببا يولى ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان زىمىنى ئارقىلىق ئۇدۇل ھىندىستانغا ئۇلاشتۇرۇش؛ روسسىيە دۇنيادا ئەڭ كۆپ تەبى گاز زاپىسىغا ساھىپ دۆلەتتۇر. ئەلۋەتتە رۇس گازلىرى بىلەن بىللە شەرقى تۈركىستان گازلىرىمۇ ھىندىستانغا ئاقىدۇ. غەربى تۈركىستاندىن بىر تۇرۇببا يولى لىنىيەسىنى بۇ چوڭ لىنىيىگە قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ گاز، نېفتلىرىنىمۇ پۇلغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە جانى كۆڭۈلدىن ياردەمچى بولىمىز. رۇسلار، بىزنىڭ بۇ تەكلىپىمىزگە قىزغىنلىق بىلەن ئىگىلىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، روسسىيە ئىسسىق رايونلار ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا چىقىش ئۈچۇن تارىختا داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئورتا ئاسىياغىچە كەلگەن.ئەڭ ئاخىرقى 1979. ئۇرۇنشى ئافغانىستاننى ئىشخال قىلىش ئۇرۇشىغا تەۋەككۇل قىلىش بولدى .مەقسەت  ھىندى ئوكيانىغا چىقىش ئىدى. بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزى پارچىلىنىپ كېتىپ قالدى. مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دەۋرىدە، رۇسىيەنىڭ ئىسسىق رايونلار ئارقىلىق ھىندى ئوكيانىغا چىقىشى ئۈچۈن ئۇرۇشقا كېرەك يوق. تېنىچلىقپەرۋەر شەرقى تۈركىستان خەلقى رايوننىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن رۇسسىيە بىلەن ھىندىستاننى بىر بىرىگە باغلايدىغان ئېنىرگىيە كارىدورى بولۇشقا ھازىر.

Ä°lgili resim

ھىندىستان، پاكىستان، بىنگال، مىيامماردىن ئىبارەت 4 دۆلەتتىلا 1.8 مىليارتتىن ئارتۇق ئىنسان ياشايدۇ. بۇ جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنىرگىيەگە بولغان ئىھتىياجى پەۋقۇلاددە زور. رۇسسىيە ۋە بۈيۈك تۈركىستاننىڭ نېفت، تەبى گازلىرى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن يېتەرلىك. رۇسسىيە ۋە بۇيۇك تۇركىستاننىڭ نېفت، تەبى گازلىرى تۇروببا يولى ئارقىلىق جەنۇبى ئاسىياغا يېتىپ كەلگەندە،بۇ ئېنىرگىيەگە ئېرىشكەن ھىندىستان بىلەن بىنگال دۇنيانىڭ زاۋودى دەپ نام ئېلىش بىلەن بىرگە ئەڭ ئاز 50 يىل پۇتۇن دۇنيانى ئەرزان مال بىلەن تەمىنلەش پوتانسىيەسىگە ئىگە.

2.شەرقى تۈركىستان ئارقىلىق موسكوۋانى مۇمبايغا باغلايدىغان ئىككىنجى پروجىمىز تۆمۈر يول لىنيەسىدۇر؛ موسكوۋا – نوۋوسىبىرىسك – ئالماتا – غۇلجا – قەشقەر – جاممۇ كەشمىر – يېڭى دېھلى – مۇمباي تۆمۈر يول لىنيەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان پۈتۈن ئىمكانلىرىنى سۇنىدۇ. موسكوۋادىن قەشقەرگە قەدەر ئىشلەۋاتقان تۆمىريول لىنيەسى ئاساسەن مەۋجۇت بولۇپ، كېرەكلىك مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق پۈتۈن لىنيەنى راۋانلاشتۇرۇش مۇمكىن. مەلۇم مىقتار مەبلەغ بىلەن قەشقەر بىلەن ھىندىستان تۆمۈر يوللىرىنى بىرلەشتۈرۈش تامامەن مۇمكىن: قۇرۇلغۇسى بۇ تۆمۈر يول لىنيەسى جەنۇبى ئاسىيا، مەركىزى ئاسىيا ۋە رۇسسىيەگە تىجارەت ۋە ئىجتىمائى ئالاقىدا مىسلىسىز جانلىنىش ۋە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ تومۇر يول لىنيەسى موسكوۋادىن شىمالى، ئورتا ۋە غەربى ياۋرۇپاغىچە بولغان مەۋجۇت يوللار بىلەن ياۋرۇئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى بارلىق ئەركىن دۆلەتلەرنى بىرلەشتۇرەلەيدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۈرۈرىيىتى باركى، رۇسلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىش ئۈچۈن 1920. يىللىرى جاڭجېشى، 1930-1940. يىللىرى شىڭ شىسەي، 1950-1960.يىللىرى ماۋ زېدوڭ موسكۋانى ئالدىدى ۋە ئالدامچىلىقلىرىنى “مەرىپەت” دەپ بىلىشتى. رۇسلارنىڭ ئەسكىرى، تېخنولوگىيە، ئىقتىسادى ياردىمىنى ئېلىپ، ئارقىدىن يۈز ئۆرىدى. ھەتتا “ئاش بەرگەنگە مۇش بەر” دەپ دۈشمەنلىك قىلدى. يىلان پوستىنى تاشلىسىمۇ خۇيىنى تاشلىمايدۇ. رۇسلارنىڭ خىتايغا ئالدىنىشىدىن ئەڭ كۆپ زىيان تارتقۇچى شەرقى تۈركىستان خەلقى بولدى. شەرقى تۈركىستان خەلقى ھېچبىر زامان رۇسلارنى ئالدىمىدى ۋە ئالدىمايدۇ. تۈركىستان خەلقى مەرد خەلق. ئارقىسىدىن خەنجەر ئۇرۇشنى نامەرتلىك دەپ سانايدۇ. بىز، شىمالى خوشنىمىز روسسىيە بىلەن ھەر تۈرلۈك ئىش بىرلىگىدە كېلىشەلەيمىز. چۈنكى رۇسلار غەربى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى بېرىش ئارقىلىق تارىختىكى خاتالىغىنى تۈزەتتى ۋە ئالىجاناپلىغىنى ئىسپاتلىدى. بۇ دوستلۇق ئۈچۈن يېتەرلىك ئىسپاتتۇر.

ھىندىستان ئاسىيادىكى ئەڭ بۈيۈك دېموكراتىك دۆلەت. دېموكىراتىيە دېمەك – تىنىچلىقنىڭ قاراۋۇلى دېمەكتۇر. شەرقى تۈركىستان تارىختىن بېرى خىتايغا قارىغاندا ھىندىستان بىلەن تېخىمۇ قۇيۇق تىجارى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. شەرقى تۈركىستان خەلقى، ھىندىستانغا بولغان دوستلۇق ھىسسىياتنى بۈگۈنمۇ بۇرۇنقى ئىسسىقلىغى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىپ كەلمەكتە.( ھىندىستان، بىزگە ئوخشاش خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچىراپ قېچىپ چىققان 100 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك مۇساپىرلارغا قۇچاق ئاچتى ۋە 60 يىلدىن بېرى ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ، كوچمەن تىبەت خەلقىنىڭ ئوز مەدىنىيىتى بىلەن ياشاشقا ئىمكان يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. ھىندىستان خەلقىنىڭ بۇ ئىنسان پەرۋەرلىك خىسلىتى، ئوز يۇرتىدا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مىللى قىرغىنچىاىققا ئۇچىراۋاتقان شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە ئالجاناپلىق ئابىدىسى تىكلەنگەنلىگىنى ئەسكەرتىپ ئوتۇشنى ۋىجدانى مەجبۇرىيەت دەپ قارايمەن.)  ھىندىستان بىلەن شەرقى تۈركىستان ھىچقاندان پروبلىمى بولمىغان خوشنىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. شەرقى تۇركىستاننىڭ تەبى بايلىقلىرى بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىش كۇچى قابىلىيىتى ماسلىشىدىغان بولسا، ھەر ئىككى دولەتنىڭ خۇددى راكىتاغا ئوخشاش تىك يۇكسىلىشىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ.
مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان، خوشنىمىز ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ دۆلەتنى ھەقسىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتىن چېكىنمەيدۇ. چۈنكى، ئافغانىستان 1933. يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى رەسمى ئىتراپ قىلغان دۇنيادىكى يېگانە دۆلەتتۇر. شەرقى تۈركىستان دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن، چىگىرا ئاتلاپ كەلگەن (ئۇ دۆلەت قۇرۇلىشىنىڭ ئاساسىنى سالغان) لىدەرىمىز ۋە ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمەت ئەمىن بۇغرانى ئۇزۇن يىللار كابۇلدا مېھمان قىلىپ كۈتكەن ئافغان خەلقىدۇر. شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۇ تارىخى سۆيگىنى ئۇنۇتقىنى يوق ۋە ئەبىدى ئۇنۇتمايدۇ.

بۈيۈك تۈركىستان – ياۋروپا تۇرۇببا ۋە قاتناش تورلىرىنىڭ كىلەچەگى بولسا تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىغىدا شەك شۆھبە يوقتۇر.شەرقى تۈركىستان نېفت، گاز تۇرۇببا يوللىرىنىڭ بىر لىنىيەسى روسسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ئۇزانسا، يەنە بىر لىنيەسى غەربى تۈركىستاندىن ئۆتۈپ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ئۇلىشىدۇ. قېرىنداش تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە كارىدۇرى بولۇشتەك ئىستىراتىگىيىلىك ئەۋزەلللىكىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىشىگە مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننىڭ قاتقىسى بۈيۈك بولىدۇ.

تۈرك دۇنياسىنىڭ كىلەچەگىدە، خىتايلارنىڭ بوھتان چاپلىغاندەك پانتۈركىسىزىم، پانئىسلامىزم يوقتۇر. بەلكى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلىشىدىغان ئورتا يول باردۇر. تۈرك دۇنياسى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ھەقىقى سادىق دىندار خەلقتۇر. تۈرك دۇنياسى ھىچبىر تارىخى دەۋىردە دىندا ئاشقۇنلۇقنى قوبۇل قىلغان ئەمەس. شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ ئاساسى ئېقىمى، كومىنىست خىتاي تېرور دولىتى ۋە خەلقارالىق تېرور تەشكىلاتلىرى بىلەن كۇرەش قىلىشتا غەرب دۇنياسى بىلەن بۇلۇپمۇ NATO بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلش ئىرادە ۋە پىكىر ئورتاقلىغىغا ئىگە.

مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دەۋرىدە بۇ زىمىندا زاۋوت، فابرىكىلار ئورماندەك قەد كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە مىللى بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ئىگە شەھەرلەر قۇرۇلىدۇ، بار بولغان شەھەرلەر مىللى بىناكارلىق سەنئىتىگە ئۇيغۇن قىلىپ تەكرار ياسىلىدۇ. شەرھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىشنىڭ سۈرئىتىگە ئەگىشىپ شەرقى تۈركىستاندا كەسپى بىلىم ئىگىلىرى ۋە ئىش كۈچى يېتىشمەسلىك جىددى بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ كۈنلەردە، بېشكەكتە ئىش تاپالمىغان بىر قىرغىز ئىنجىنىر، بۇگۈنكىدەك ئۇزاقتىكى باشقا بىر دۆلەتتە كوچا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر قالمايدۇ. قىرغىز قېرىنداش شەرقى تۈركىستاننىڭ خالىغان يېرىدە يۇقىرى مائاش ئېلىپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۆز كەسپى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. جالالاباتلىق سىستىرا ئۆزبېك خانىم-قىز قېرىندىشىمىزنىڭ، يىراق دۆلەتلەرگە كېتىپ قارا خىزمەتچى بولۇپ ياللىنىپ ئىشلىشىنىڭ كېرىگى قالمايدۇ. شەرقى تۈركىستاندا ئۇلارنى يۇقىرى مائاشلىق كەسپىگە ئۇيغۇن خىزمەتلەر كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ… چۈنكى ئاللاھ بىزنى قېرىنداش قىلىپ ياراتقان. ئەت بىلەن تىرناقنى ئايرىغى بولمىغىنىدەك تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ قېرىنداشلىقنى دۈشمەننىڭ قەبىھ ھىلە نەيرەڭلىرىمۇ ئايرىيالمايدۇ. بۇ نۇقتا تارىختا ئىسپاتلانغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىسپاتلىنىدۇ.

شەقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، غەربى تۈركىستاننى ، رۇسىيىنى ۋە ياۋرۇپانى خىتاي تەھدىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ. بۇ ئۆزگۈرۈش ئىستىراتىگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەربى تۈركىستانلا ئەمەس پۈتۈن ياۋرۇئاسىيانىڭ سالامەتلىگى ئۇچۇن تارىخى ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ساھىپتۇر. شەرقى تۇركىستاننىڭ مۇستەقىللىغى، قۇمۇلدىن ھەزەر دېڭىزىغىچە سۇزۇلغان يەر ئاستى نېفت، گاز ئوكىيانىنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە بۇ ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى دۇنيا تىنىچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشتا پەۋقۇلاددە تارىخى ۋە ئىستىراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

شەرقى تۈركىستاندىن ۋاز كېچىش، خىتاي خەلقىگىمۇ ئەركىنلىك، تەرەققىيات، باياشاتلىق، خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا “ئوغرىنىڭ يۈرىگى پوك، پوك” دەيدىغان خەلق تەمسىلىسى بار. باشقىسىنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا چۈشكەنلەر ھېچقاچان خاتىرجەم بولالمايدۇ. تارىختىن بەرى خىتاي خەلقىنىڭ ئۆز ھاكىمىيەتلىرىدىن قاتتىق زۇلۇم كۆرۈپ كېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىدىن بىرسى دۆلەت زىمىنىنىڭ ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولىشى، بىرلا مەركەزدىن قاتتىق باشقۇرۇلۇش تۈزۈمىدىن كېلىپ چىققان.
ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئالىدىغان بولساق، كىچىك، كىچىك دۆلەتلەر. ئامما ياۋرۇپا كەشپىيات، تەرەققىيات، ئەركىنلىك، ئادالەت… ھەر تەرەپتىن ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بۈيۈك. شىۋىتسارىيە كىچىككىنە بىر دۆلەت. تەرەققىياتى پەۋقۇلاددە يۈكسەك، خەلق پاراۋان، دېموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىكى ئوكىيانلاردەك بىپايان. ئاسىيادىمۇ ياپونىيە، جەنۇبى كورىيە، تەيۋەن، سىنگاپۇر، شياڭگاڭ… كىچىك دۆلەتلەر، ئامما غايەت زور ئىقتىسادى كۈچكە ئىگە. خەلقى ئەركىن، ئازادە. خىتاي دۆلىتى بۇنداق چوڭ زىمىندا قېلىپ بېجىڭدىن تۆمۇر مۇشت بىلەن باشقۇرۇلغان مۇددەتكىچە خەلق قۇللۇقتىن، دۆلەت ھاكىمىيىتى دىكتاتۇرلۇقتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىرمۇنچە ئىلغار خىتاي مۇتەپەككۇرلىرى، زىيالىيلىرى بۇ نوقتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن يەردە. شۇڭا خىتايلار ئارىسىدا ھەر رايوننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان، ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي تەشكىلاتلىرى بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ پارچىلىنىش، پارچىلانماسلىقى ئوز ئىشى. شەرقى تۇركىستاننىڭ مۇستەقىللىغى، خىتايدا كومىنىستىك زالىم تۇزۇمنىڭ يېقىلىشىدا موتۇرلۇق كۇچى رولىنى ئوينايدۇ. ئازات شەرقى تۇركىستان، خىتاي خەلقىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ زۇلۇم ۋاستىسى بولۇشتىن ئىبارەت خاراكتىرىگە ئەبەدى خاتىمە بېرىپ، دېموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىش كورىشىنى بار كۇچى بىلەن قوللايدۇ .

2019.يىلى. 1. ئاي.

مەنبەلەر:

93.Kuzey Atlantik Antlaşması Örgütü (NATO)

94.Kore Savaşı nedenleri nedir? Kore Savaşı’na Türkiye neden katıldı?

95.Irak’ın yakın tarihi

96.Halepçe Katliamı Nedir? Nasıl Olmuştur?

97.NATO’nun Bosna-Hersek Müdahalesi

98.Çin elçiliği bombalandı

99.1999 Kosova Krizi ve NATO Müdahalesi

Share
2957 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.