logo

trugen jacn

تۈرمىدىكى ژۇرنالىست خەدىچە 2015-يىللىق باربارا گولدسمىس خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

 

2014-يىل 5-دېكابىر ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان خەدىچە ئىسمايىلوۋا، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ 2015-يىللىق باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن خەدىچە ئىسمايىلوۋا (Khadija Ismayilova) ياۋروپا ئازاد رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى. ئۇ 2010-يىلدىن 2012 -يىل ئارىلىقىدا ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف ئائىلىسىگە چېتىلىدىغان پارىخورلۇق قىلمىشىغا ئائىت خەۋەرلەرنى بەرگىنى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئەزەربەيجان ئىستىغبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە تەقىب قىلىشىغا ئۇچرىغان. 2014-يىلى 5-دېكابىر كۈنى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا قولغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەسىس قىلغان خەلقئارالىق مۇكاپات باربارا گولدسمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى تۈرمىدىكى يازغۇچىلار ۋە مۇخبىرلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات. 2014-يىللىق باربارا گولدسمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى، «ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى»نىڭ ساھىبى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-erkinlik-04212015164323.html

Share
2207 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.