logo

trugen jacn

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئائىلىسىدىكىلەرگە قايتا ئەرز سۇنۇشنى تاپىلىغان

ilham tohti sultansutukbuğrahan mezarinda

ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولغان.

ئىلھام توختىنىڭ ئانىسى ۋە ئاكىسى ئىلھام توختى سولانغان ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىسىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى ليۇ شاۋيۈەن ئارقىلىق بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە روھىي كەيپىياتى جايىدا ئىكەن.

ئىلھام توختىنىڭ ئاكىسى سۆزىدە يەنە، ئىلھام توختىنىڭ ئۆزلىرىگە يۇقىرى سوتقا قايتا ئەرز سۇنۇشنى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىلھام توختى ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ قايتا ئەرز قىلىشنى قاچان باشلايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى بۇ يىل 7-ئايدا ئۇنى تۇنجى قېتىم ئۇنى زىيارەت قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم ئۇنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-10152015161521.html

Share
3044 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.