logo

trugen jacn

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قوللاش ئۈچۈن مەخسۇس بىلەزۈك ياسالدى

 

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قوللاش ۋە ئۇنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان بىلەزۈك بازارغا سېلىندى.

بىلەزۈك ئامېرىكىدىكى مارىيلاند شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە پروفېسسورلىرى تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن بولۇپ، بۇ بىلەزۈكلەر ھازىر «خەلقئارا مۇخبىرلار ۋە تەھرىرلەر تەشكىلاتى» نىڭ تور بېتىدە سېتىلماقتا. تور بەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بىلەزۈكلەر «كىشەنسىز ئاخبارات» قا سىمۋوللۇق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىممۇ تۈرمىدىكى يازغۇچى-ئاخباراتچىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىلەزۈكلەرگە دۇنيا مىقياسىدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان 221 نەپەر ئاخباراتچى ۋە يازغۇچى ئىچىدىن 9 نەپىرىنىڭ ئىسمى تاللاپ بېسىلغان. ئىلھام توختى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر. 9 نەپەر كىشىنىڭ ئىسىملىرى ۋە دۆلىتى ھەر بىر بىلەزۈككە ئايرىم-ئايرىم بېسىلغان بولۇپ، بۇ بىلەزۈككە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەشكە خەلقئارا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى يېقىندىن ھەمكارلاشقان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-05282015163435.html

Share
1337 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.