logo

trugen jacn
22 مارت 2014

تۈرك دۇنياسى ئاكادېمىكلىرى نىگدە ۋىلايىتىدە ئۇچراشتى

 

خەلقئارا تۈرك دۇنياسى تەتقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى نىگدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەسىلىلىرى ۋە يېڭىچە نۇقتىئىينەزەرلەر ھەققىدە لېكسىيەلەر بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى نىگدە ئۇنۋېرىستېتى، قازاقىستان دۆلەت قىزلار پېداگوكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە رۇسىيە فېدراتسىيەسى ئاقموللا باشقۇرد دۆلەت پېداگوكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى.

يىغىنغا 18 دۆلەتتىن 403 ئاكادېمىك ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن ئەھلىلىرىنىڭ كۆپلىكى جەھەتتىن تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا يۈزلەرچە لېكسىيە بېرىلىدۇ، يىغىن ئەتە ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم رول ئۇينىغۇچى نىيدە ئۇنىۋەرسىتئىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇرىشىت جەلىل قارلۇقتۇر

Share
1744 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.