logo

trugen jacn

تۈرك تىلىۋىزورلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا

timthumb

ئۇيغۇر خەۋر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈركچە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، 4 تىلدا ئىنتەرنەت تور گىزىتى خىزمىتى بىرىۋاتقان (www.uyghurnet.org)ئۇيغۇرنەت.ئورگ تۈرك تىلى مۇدىرى ۋە باش مۇھەررىرى ھامىت كۆكتۈرك 6.ئاينىڭ 3.كۈن تۈركىيە دۆلەت تىلىۋىزور ئىستانسىسى ت .ر.ت –تۈرك نىڭ تەكلىۋى بىلەن تىلۋىزور پروگراممىسىغا قاتنىشىپ،شەرقى تۈركىستاندا يەقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش قارشىلىق ھەركەتلىرىنى ئەڭ كىچىك تەپسىلاتلىرىغىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.شۇنداقلا بۇ قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش، ئۇلغۇيىش سەۋەپلىرىنى ئاڭلاتتى.ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىنى باھانا قىلىپ خىتايلارنىڭ ئۇمۇمىيۈزلۈك مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىغىنى، تۈركىيە دۆلىتى ۋە قەرىنداش تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىغا تارىختىكى ئەڭ ئەغىر پاجىيە كىلىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە جىددى ۋە جاراڭلىق ئاۋازىنى چىقىرىشى كىرەكلىگىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى كۈتۈۋاتقانلىغىنى تەكىتلىدى

ھامىت كۆكتۈرك 6.ئاينىڭ 4.كۈنى تۈركىيەدىكى تۈرك مىللىيەتچى جامائىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان “بەنگۈ تۈرك” تىلىۋىزىيەسىنىڭ مۇلاھىزە پروگراممىسىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ؛بۇگۈن (6.ئاينىڭ 4.كۈنى) خىتاينىڭ پايتەختى بەيجىندىكى تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ 25.يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەنلىگىنى،25 يىل ئالدىدا خىتاي ئارمىيسى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا تانكىلارغا باستۇرۇپ،ئوققا تۇتۇپ 2 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىگىنى،بۇ قانخور ھاكىمىيەتنىڭ،مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قامداق مۇامىلە قىلىدىغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسلىگىنى،تۈركىيە بۇگۈن،سۈرىيە،پەلەستىن،مىسىر مەسىلىسى بىلەن مەشخۇل بولۇپ،قەرىندىشى ئۇيغۇرلارنى ئۇنۇتۇپ قەلىۋاتقانلىغىنى،تۈركىيەدىكى مىللىيەتچى جامائەتىنىڭ سىلكىنىپ ئويغۇنۇپ تەڭرى تەغى تەرەپكە دىققەت قىلىشى كىرەكلىگىنى سۆزلىدى

    ھامىت كۆكتۈرك تۈركىيەدىكى ئەڭ زور ئىنتەرنەت گىزىتى بولغان “دۇنيا بۈلتەنى” نىڭ سىتون يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ،ماقالىلىرى ئارقىلىق تۈرك ئوقۇرمەنلەرنى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان يىڭى ھادىسىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا

   ھامىت كۆكتۈرك،”ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى” تەرىپىدىن توپلانغان شەرقى تۈركىستانغا ئاىت  يىڭى ۋەقە، ھادىسىلەرنى تۈرك تىلىدا دوكلات قىلىپ ھازىرلاپ تۈركىە پارلامەنت ئەزالىرىغا،مۇناسىۋەتلىك مىنىستىر،تەشكىلات، مەديا ئورۇنلىرىغا ئىلخەت ئارقىلىق ۋاختى-ۋاختىدا يوللاپ تۇرماقتا.بۇ پاالىيەتلەر بىلەن تۈركىيەدە “ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى” ئارقىلىق تۈركىيە ھۈكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دىققىتىنى شەرقى تۈركىستانغا ۋە ئۇيغۇرلارغا جەلپ قىلىشتا ھىچ داغدۇغا قىلماستىن پۈتۈن غەيرىتى بىلەن تىرىشماقتا

   تۈرك مەتبۇاتلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەر،ئۇچۇرلارنى ئىنگىزچە مەنبەلەردىن،ئىنگىزچە خەۋەر مەركەزلىرى مەنبەنى خىتاي دۆلەت ئاخپاراتى تەرىپىدىن تەمىنلىگەن مەنبەدىن ئالغانلىقى ئۈچۈن،كۆپۈنچە خەۋەر ۋە ئانىلىزلار ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق چۈشەنجە ھاسىل قىلىپ كەلگەن.ھەتتا شەرقى تۈركىستاندىكى يەر ئىسىملىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرى خىتايچە ئاتىلىپ چۈشۈنۈكسىز ئەھۋال يۈز بىرەتتى.ھامىت كۆكتۈرك،بىر مۇنچە تىلىۋىزور،گىزىتلەرنىڭ بۇ خىل خاتالىقلارنى تۈزىتىشىگە ياردەمچى بولۇپ،ئۇلارنىڭمۇ رەخمىتىنى ئالماقتا،دوسلىقىنى قازانماقتا

   تۈركىيە،ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تىز ۋە توغرا شەكىلدە ئۇيغۇرلاردىن،ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھازىرلانغان “www.uyghurnet.org-  ئۇيغۇرنەت.ئورگ”    دىن ئىبارەت يىڭى لىنيەدىن  ئەلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. “ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى” ھامىت كۆكتۈركنىڭ پىداكارلىغىغا يۇقىرى باھا بىرىدۇ

Share
2131 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.