logo

trugen jacn

تۈركىيە ھىندونېزىيەدە قولغا ئېلىنغان 4 ئۇيغۇرنىڭ تۈرك ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان

 

تۈركىيەنىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 2014‏-يىلى9‏-ئايدا «تېررورلۇق»قا باغلىنىپ ھىندونېزىيەدە قولغا ئېلىنغان 4 ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ تۈرك ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى ۋە ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەمەلىيەتكە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھىندونېزىيە ئاخباراتى‏-بېنار خەۋەرلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، جاكارتادا تۇرۇشلۇق تۈرك ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ تۈرك ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىغان. باش ئەلچى زەكەرىيە ئاقجام، «ئادۋوكاتنىڭ سۆزىنى ھېسابقا ئېلىش كېرەك. ھىندونېزىيە باش تەپتىش ئىشخانىسى تۈرك ئەلچىخانىسىدىن تەرجىمان تەلەپ قىلدى. ئەسلى قائىدە-تەرتىپ شۇ ۋە بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلدۇق» دېگەن.

ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئادۋوكاتى بولسا «بۇ دېلو بىلەن خىتاينىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. دوكۇمېنتلار ئۇلارنىڭ تۈرك ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار تۈرك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. تۈرك ئەلچىخانىسىنىڭ تەرجىمان بىلەن تەمىنلىشى بۇنىڭ دەلىلى» دەپ كۆرسەتكەن.

ھىندونېزىيەلىك ساقچىلار 2014‏-يىلى 9‏-ئايدا پالو بازىرىغا كېتىۋاتقان بۇ 4 مۇھاجىرنى ھىندونېزىيەدىكى رادىكال گۇرۇھلارغا باغلاپ قولغا ئالغان. بۇ يىل 3‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش خىتاينىڭ ئىشى، دېگەن.

بىراق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ 4 ئۇيغۇر مۇھاجىر ئەسلى ساياھەتچى بولسىمۇ، بىراق ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بېسىمىدا ئۇلارنى تېررورلۇققا باغلىۋالغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/hindinoziye-uyghur-04102015155835.html

Share
1373 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.