logo

trugen jacn

تۈركىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە پارلامېنتى 20‏-ئىيۇن ئاۋاز بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلغان. مەزكۇر تەكلىپ لايىھىسى پارلامېنتتىكى ئۆكتىچى پارتىيە ئىيى پارتىيەسى تەرىپىدىن سۇنۇلغان. تەكلىپ لايىھىسى پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تەكلىپ لايىھىسىنىڭ رەت قىلىنىشىدا ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى، تۈركچىلىك ئىدىيەسىدىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئاۋاز بەرمەسلىكى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

بۇ، مەزكۇر تەكلىپ لاھىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا 2‏-قېتىم رەت قىلىنىشىدۇر. بۇ لايىھە ئۆتكەن يىلى 10‏-ئايدا بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما ئۇ شۇ قېتىمدىمۇ ئۆزىنى «مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ھاممىسى» دەپ كېلىۋاتقان ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى. بۇ تەكلىپ لايىھە خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش ئېلىپ بېرىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە سۇنۇلغانىدى.

ئىيى پارتىيەسىنىڭ 20‏-ئىيۇن تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر تەكلىپ لايىھىسىنىڭ «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەت ئاۋازى بېرىشى، م ھ پ نىڭ ئاۋاز بەرمەسلىكى ئارقىسىدا رەت قىلىنغانلىقى» نى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر لايىھەنىڭ پرېزىدېنت ئەردوغان خىتاينى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا رەت قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا. 

2009‏-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەردوغان بۇ يىل 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ. تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ خىتاي-تۈركىيە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىنى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورتاق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

Share
5341 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.