logo

trugen jacn

تۈركىيە تايلاندتا قامىلىپ قالغان 60 ئۇيغۇرغا ئىشىكى ئوچۇق ئىكەنلىكنى بىلدۈردى

Teslim-6

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 15-ئىيۇل تايلاندتا قامىلىپ قالغان 60 ئۇيغۇر مۇساپىرغا ئىشىكى ئوچۇق ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەۋەرنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ 60 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز تۈركىيەگە كەپ قالسا تۈركىيەنىڭ ئىشىكى ئۇلارغا ئوچۇقتۇر.»

ئۇ سۆزىدە يەنە، تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ «تۈركىيە دىپلوماتلىرى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» گە قوشۇلۇپ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم قىلغان» دېگەن سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر كۈلكىلىك گەپ. ‹ئۇيغۇرلارغا تۈرك پاسپورتى بېرىپ سۈرىيەگە، ئىراققا كىرگۈزۈۋېتىدۇ› دەپ جار سېلىش بەك بىمەنە. بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ. تەبىئىيكى، بۇ توغرا ئەمەس.» تۈركىيە ھازىرغا قەدەر تايلاندتا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن 180 دىن ئارتۇق كىشىنى ئېلىپ كېلىپ يەرلەشتۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tayland-uyghur-07152015155642.html

Share
1393 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.