logo

trugen jacn

تۈركىيە ئەمەلدارى جەلالىددىن لەكەسىز بېيجىڭدا مىڭ جيەنجۇ بىلەن ئۇچراشتى

B8gexSpIYAEUkQe

ئەركىن

2015-u0130-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى جەلالىددىن لەكەسىز ئەپەندى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى باش سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ بىلەن سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلدى.

شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا مىڭ جيەنجۇ، تۈركىيەنى تېررورلۇق، ئىنسان ئەتكەسچىلىكى ۋە چېگرا سىرتىدىكى جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەشتە خىتاي بىلەن تېخىمۇ زور ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 2007 – يىلىدىن 1012 – يىلىغىچە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مىڭ جيەنجۇ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان مەسىلىلەردە ئىش بىرلىكى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ۋە ئۆز – ئارا قوللاپ قۇۋەتلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى جەلالىددىن لەكەسىز ئەپەندى بولسا، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان گۇرۇھ ۋە شەخىسلەرنىڭ پائالىيىتىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى باشلىقى مىڭ جيەنجۇ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىق ئىدارىسى باشلىقى، خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت ئۆتكەن يىلى 11 – ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ، تۈرك ئالىي رەھبەرلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ زىيارەتتىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى جەلالىددىن لەكەسىز ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/turkiye-beijing-01302015201603.html

Share
1646 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.