logo

trugen jacn

تۈركىيەنىڭ قىزىلجاھامام ۋە خەندەك ناھىيىلىرىدە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ae97b5be-7ae5-44dc-a1ff-a4a84d71a26f

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر ھەپتە دېگۈدەك تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى، بولۇپمۇ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلغان دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا. 3-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيەنىڭ ساكاريا ۋىلايىتىنىڭ خەندەك ناھىيىسىدىكى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى پېداگوگىكا فاكۇلتېتىدا «ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دوتسېنت ئەخمەت ئاقىن ئەپەندى قىلدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا چىققان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىدىن قاتتىق قايغۇلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز ئېغزىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندىنى دوكلات بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى

9fd3c302-8776-48a9-8fae-9885d8795db8

ئارقىدىن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇللىرىدىن ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، نوختىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خاتايىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى رەسىملەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. 30-مارت كۈنى ساكاريادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئەتىسى كۈنى، يەنى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەنقەرەگە 75 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى قىزىلجاھامام ناھىيىسىدە «مەزلۇم مۇسۇلمان زېمىنى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە ئىلىم تارقىتىش جەمئىيىتىنىڭ قىزىلجاھامام شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا قىزىلجاھامام ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئاممىدىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئىلىم تارقىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ئارسلان قوجا ئەپەندى قىلدى. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. ئۇلار مۇسۇلمان، شۇنداقلا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلارغا ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بۈگۈن ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا، بىز بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە ياردەملەرنى قىلالايمىز، بۇ ھەقتە باش قاتۇرماقچىمىز.

ئارقىدىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 1 يېرىم سائەت سۈرگەن بىر دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئەتراپلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turkiyede-uyghur-04022015145051.html

Share
1550 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.