logo

trugen jacn

تۈركىيەدە 12 – نويابىر كۈنىنى «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ئېلان قىلىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلانماقتا

bcaa4c14-7369-477f-9b58-1f50dbc71960

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1933 – يىلى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئېلىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدە 12 – نويابىر كۈنىنى «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ئېلان قىلىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى. http://buzulmedurde.net تور بېتىنىڭ ساھىبى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئايتەكىن چەتىن ئەپەندى بىلەن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورتاق باشلاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەن جامائەت پىكرى توپلاش پائالىيىتى 13 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، 11 – ئاينىڭ بېشىدا بۇ ھەقتە تۈركىيە پارلامېنتىغا ئىلتىماس سۇنۇلىدىكەن. مەزكۇر پائالىيەتنى باشلاتقان ئايتەكىن چەتىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە كۈن تەرتىپ پەيدا قىلىش، يىلدا بىرقانچە كۈن رەسمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش، مەسىلىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن بۇنداق بىر كۈنگە ئېھتىياجىمىز بار ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن 12 – نويابىر كۈنى يادىمغا كەلدى. 12 – نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان بايرىقى لەپىلدىگەن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغان بىر كۈن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن ئىدى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ۋە دۈنياغا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ كۈننىڭ تۈركىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن رەسمىي كۈن ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش ئالدىدا، جامائەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇنداق بىر پائالىيەتنى باشلاتتۇق.

ئايتەكىن چەتىن ئەپەندى ھازىرغىچە 10 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، 2 – نويابىر كۈنى بۇ ھەقتە تۈرك پارلامېنتىغا ئىلتىماس سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتنى 13 – ئۆكتەبىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق جامائەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن باشلاتتۇق. ھازىرغىچە تور ئارقىلىق 10 مىڭ ئىمزا يىغىلدى. 11 – ئاينىڭ 2 – ياكى 3 – كۈنلىرى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، يىغىندىن كېيىنلا 12 – نويابىر كۈنىنى «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىمىزنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنىمىز.

بۇنىڭ ئەھمىيىتى نېمە، بۇ تەكلىپ تۈركىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنارمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بارلىقىنى، بۇ ھەقتە تارىخچىلارغا چۈشكەن ۋەزىپىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ئەگەر تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئورتاق 12 – نويابىر كۈنىنى «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ئېلان قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان تەقدىردە قوبۇل قىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turkiye-sherqiy-turkistan-kuni-10302015214754.html

Share
1724 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.