logo

trugen jacn

تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

image

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى قارادېڭىز رايونىغا جايلاشقان سىنوپ ۋىلايىتىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى»تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

24-ئۆكتەبىر كۈنى سىنوپ تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى سابىق باشلىقى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى»تېمىسىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەخمەت ئالىبېيئوغلۇ بولسا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى>>دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى. يىغىنغا سىنوپ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى رەجەپ بىرجان ئەپەندى، سىنوپ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئەرەب تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور سۇلايمان بۈيۈكقارجى ئەپەندى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى ھەم ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى

 

e8a75a5e-0a64-4cd1-977a-76537b034ef9

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان «سىنوپ ئايدىنلار ئوجاقى>>، يەنى« سىنوپ زىيالىيلار ئۇيۇشمىسى»باشلىقى دوكتور بارىش بايراقلى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ، نۇتقىدا تۈرك زىيالىيلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېزىلىۋاتقان، بېسىمگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئېچىلىش نۇتقىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا يۇرتى ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتارغا ئوخشاش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەخمەت ئالىبەيوغلۇ بولسا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلەر ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاغدۇرۇلۇش سەۋەبلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە تۈرك خەلقىدىن كۈتكەن ئۈمىدى »تېمىسىدا دوكلات بەردى.

بىز بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سىنوپ ۋىلايىتىدىكى «ئايدىنلار ئوجاق»يەنى «زىيالىيلار ئۇيۇشمىسى»رەئىسى دوكتور بارىش بايراقتار ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ سىنوپ ۋىلايىتىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىنوپ خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىمى ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ ئاممىنى بىئارام قىلدى. شۇڭا يىغىنىمىزغا كۆپ كىشى قاتنىشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق. بىز ئويلىغاندەكلا كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. 3 سائەت داۋاملاشقان ‹شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى› ماۋزۇلۇق يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق.»

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى يىغىندا ئۆزى ۋە تارىخچى دوكتور ئەخمەت ئالىبەيوغلىنىڭ بەرگەن دوكلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/turkiyede-uyghur-10272015164354.html

Share
1547 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.