logo

trugen jacn

تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر» ماۋزۇلۇق دوكلات تارقىتىلدى

21dca782-2136-49e1-be4d-d8d6e91e52c9

 ئەركىن تارىم

-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» دەپ ئاتالغان تۈركىيەدىكى بىر ئورۇن مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر، تەتقىقات مەركەزلىرىگە، خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا ۋە تونۇلغان ئوبزورچىلارغا ئەۋەتكەن. مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى،www.uyghurnet.org تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكلاتنىڭ بېشىغا بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«شەرقىي تۈركىستاندا 65 يىلدىن بېرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىم، زۇلۇم، زوراۋانلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. كېيىنكى يىللاردا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، تۇتقۇن قىلىشنى كۆپەيتىپ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى كۈچەيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان بۇ سىياسىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن خەرلقئارادا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنى ئىشلەتمەكتە.

بىز ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى بۇ دوكلاتنى سىلەرگە سۇنىمەن

6ad0ee85-2d2f-4261-a8b4-aaab18026c6d

مەزكۇر دوكلاتنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ۋەقەنىڭ مەيدانغا چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن چوڭ كىچىك 26 ۋەقە تەپسىلىي بايان قىلىنغان

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turkiyede-uyghur-07102014185249.html

Share
1663 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.