ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
ئەركىن تارىم
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخىسلەردىن بىرى بولغان داڭلىق سىياسىيون، تارىخچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 50 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ««خەلقئارالىق مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تەتقىقاتى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان پائالىيەت 2015 – يىلى 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى. يىغىندا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان جاي خوتەن توغرىسىدا، ئۇنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرى، ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ 1954 – يىلىدىن 1965 – يىلى ۋاپات بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پائالىيەتلىرى مۇھاكىمە تېمىسى بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇغرا توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر شەخسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ ئىچكىرى خىتاي ۋە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
يىغىننىڭ كاتىباتلىق ۋەزىپىسىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باش كاتىپى ئۆمەر قۇل ئەپەندى، ئالىمجان قارلۇق ئەپەندى، سەلىم ئەخمەتوغلۇ، فىلىز فەرھاتوغلۇ خانىملار ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يىغىنغا قاتنىشىشنى خالايدىغان تەتقىقاتچىلار 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە ئىلمىي ماقالىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە ئەۋەتسە بولىدىكەن.
ئىلىم ئادەملىرى ئەۋەتكەن تېمىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تاللاش كومىتېتى تەرىپىدىن تاللانغاندىن كېيىن 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turkiye-muhemmedimin-bughra-04282015232520.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.