logo

trugen jacn

تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ھەققىدە ئانالىز

mehmet-emin-.-1

 

تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ھەققىدە ئانالىز

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

دۆلەتنى قولغا كىرگۈزمەكچى بولغانلار، دۆلەتنىڭ قولىغا چۈشتى

تۈركىيە ھۇكۇمىتى، 2016.يىلى 7.ئاينىڭ 15. كۈنى كېچىدە قوزغىلىپ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ئۆزگىرىشتىن پەتھۇللا گۈلەن جامائىتنى جاۋابكار تۇتۇلماقتا. بىر قانچە كۈن ئالدىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەسمى ئۇختۇرۇش چىقىرىپ، پەتھۇللا گۈلەن جامائىتىگە ئائىت بولغان 934 مەكتەپ، سەھىيە ئورگىنى، 109 ئوقۇغۇچى يۇرتى (ئوقۇغۇچى ياتاق بىنالىرى) 104 ۋەخىپ، 1125 ئاممىۋىي جەمئىيەت، 13 ئۇنىۋېرسىتېت، 19 ئۇيۇشما دۆلەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ تارتىۋېلىنغانلىغى ئېلان قىلدى. بۇ جامائەتكە ئائىت 16 تېلېۋىزور قانىلى، 45 گېزىت،23 رادىئو،16 جورنال، 29 نەشرىيات ۋە 3 خەۋەر ئاجانسى دۆلەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىندى ۋە ئىشتىن توختىتىلدى. 7. ئاينىڭ 29. كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا، ھەر قاتلام دۆلەت ئورگانلىرىدىن “پەتۇللاھ تېرور تەشكىلاتى” بىلەن مۇناسىۋەتلىك 66 مىڭ دۆلەت كادىرى خىزمەتتىن قوغلاندى. قولغا ئېلىش ۋە ئىشتىن چىقىرىش داۋام قىلىۋاتىدۇ

 

پەتۇللاھ گۈلەن جامائىتى؛ خەير- ساخاۋەت شوئارى بىلەن ئورتىغا چىققان ئىدى

پەتھۇللاھ گۈلەن جامائىتىنىڭ ياردەم – ساخاۋەت پائالىيىتى 1971. يىلى باشلانغان بولۇپ، ئاساسى پائالىيىتى مائارىپ ساھەسىدە بولغان. تۈركىيە مىقياسىدا داۋاملىق مەكتەپ قۇرغان، ئوقۇغۇچى ياتاقلىرىنى ئاچقان. يۇقىرى نومۇر ئالغان ئەقىللىق، ئامما يوقسۇل بالىلارنى ھەقسىز ئوقۇتقان،ياتاق، كېيىم،دەپتەر- قەلەم بەرگەن.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۆلەت ئورۇنلىرىغا يەرلەشتۈرگەن. ھازىر پەتھۇللا گۈلەن جامائىتىنىڭ مەكتەپلىرى دۈنيادىكى ھەممە دۆلەتلەردە بار. بەلكى تۈركىيەدىكى مەتەپلىرىدىن چەتئەللەردىكى مەكتەپلىرى كۆپ
گېزىتتە ئېلان قىلىنغان پەتھۇللا گۈلەن مەكتەپلىرىنىڭ تىزىملىكلىرىنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ چىقتىم، بىرمۇ ئىمام خاتىپ مەكتىپى يوق. تۈركىيە ئىچىدە ئاچقان 1000 غا يېقىن مەكتەپلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئورتا، تەخنىكۇملاردىن ئىبارەت بولغانلىغىنى كۆردۈم
مۇستەقىل تەتقىقات شىركەتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا پەتھۇللا جامائىتىنىڭ بۇگۈنكى ئىختىسادى كۈچى 150 مىليارد دوللار. تۈركىيەدە،پەتھۇللا گۈلەننىڭ ئەمرىنى بۇيرۇق بىلىپ ئىجرا قىلىدىغان ۋە دۆلەت كادىرلىرى بولغان 400 مىڭ ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن زىيالىي بار

 

بىر خەيىرسۈيەر جامائەت قانداقچە تېرۆر تەشكىلاتىغا ئايلاندى؟

ئۇيغۇرلاردا بىر خەلق تەمسىلى بار. قوپال بولسىمۇ مىسال كەلتۈرۈشكە مەجبۇر قالدىم “ بۇقىنى ھۆكىرەتكەن ئىككى تاشاق”. كۈچنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىگى، كۇچ ئىگىسىنى قۇتىرىتىشىدۇر. پەتھۇللا گۈلەننىڭ قولىغا توپلانغان كۇچ، بۇ جامائەتنى خەيرى – ساخاۋەت پائالىيىتىدىن، تېرورىستلىققا يۈزلىنىشكە تۈرتكە بولدى. يېتىم – يېسىرلىقتىن، يېزا – قىشلاقتىن، يوقسۇللۇقتىن پەتھۇللا گۈلەن سايىسىدە قۇتۇلۇپ ۋە ئوقۇپ ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بىلىملىك ياشلار، يەنە پەتتۇللاھ گۈلەننىڭ تەلىماتى ۋە غەمخورلۇقى بىلەن دۆلەتنىڭ ساقچى، ئارمىيە، ئىستىخپارات،قانۇن،- ئەدلىيە، مالىيە، مائارىپ… قاتارلىق مۇھىم ساھالارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى.1984 يىلدىن 2013.يىلغىچە دۆلەتنىڭ دەرۋازىسى بۇلار ئۈچۈن ئۇچۇق تۇتۇلدى. 2002. يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن “ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىسى” نىڭ مەخپى شىرىكى بولغان پەتھۇللا گۈلەن جامائىتى، دۆلەتنى ئاساسەن كونترول قىلالايدىغان قۇدرەتكە ئېرىشتى. پەتھۇللاھ جامائىتى، دۆلەتنى تامامەن تەسلىم ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ پارتىسى “ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىسى”نى، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى بىر توسالغۇ دەپ قارىدى ۋە بۇ توسالغۇنى يىمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. 2013.يىلى 12.ئاينىڭ 17. كۈنى، تۈركىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرى ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە بىر نەچچە مىنىستىر، بانكا باشلىقلىرى ۋە مىنىستىرلارنىڭ ئائىلە – تاباۋاتلىرىنى “پارىخورلۇق” بىلەن ئېيىپلاپ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇش ئۇختۇرۇشى چىقاردى. ساقچىلار تىزىملىك بويىچە بىر نەچچە مىنىستىرنىڭ بالىلىرىنى، بىر قانچە كارخانىچىلارنى تۇتۇپ تۇرمىغا سولىدى.تۇتۇلغانلار ئارسىدا دۆلەت بانكىلىرىنىڭ باشلىقلىرىمۇ بار ئىدى. تايىپ ئەردوغاننىڭ بالىلىرىنىمۇ تۇتماقچى بولغان بولسىمۇ، تايىپ ئەردوغان دەرھال بۇ ئىشقا مەسئۇل تەپتىش ۋە ساقچى باشلىقلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. تايىپ ئەردوغاننىڭ ئائىلىسى خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، بىر قانچە مىنىستىرنىڭ پارا ئالغانلىقى توغرىسىدىكى ۋىدىئو تورلاردا تارقىلىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال، دۆلەت رەئىسى بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان رەجەپ تايىپ ئەردوغاننى ۋە پارتىيىسىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
تايىپ ئەردوغان تىز سۈرەتتە ساقچى، ئەدلىيە سىستېمىسىدا يۇقىرى ھۇقۇقلارنى تۇتۇپ تۇرغان گۈلەنچى ئەمەلدارلارنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاشقا باشلىدى
پەتھۇللاچىلارمۇ ھىچ بوش تۇرمىدى. 2014.يىلى 1.ئاينىڭ 19.كۈنى تۈركىيەنىڭ ئادانا ۋىلايىتى تەۋەسىدە سۈرىيەگە قاراپ كېتىۋاتقان، قۇرال – ياراق يۈكلەنگەن كامازلارنى توختۇتۇپ تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ كامازلار ئادانا باش تەپتىشى تەرىپىدىن بىرىلگەن بۇيرۇق بىلەن تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ كامازلار، تۈركىيە بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئائىت ئىدى. تىلىۋىزورلاردا “تۈركىيە، ئىراق- شام ئىسلام دۆلتى” تېرورىستلىرىغا ياردەمگە ئېلىپ كېتىۋاتقان قۇرال –ياراقلار قولغا چۈشتى” دەپ خەۋەر قىلىنغاچقا، تۈركىيەنىڭ خەلقارادىكى ئىتىبارىغا ئېغىر دەرىجىدە تۆھمەت چاپلانغان بولدى. ئەسلىدە بۇ قۇرال- ياراقلار سۈرىيەدىكى تۈركمەن پارتىزانلارغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئىكەن. ئامما، تۈركىيە، دۇنيادا ئۆزىنى ئاقلاشتا ناھايىتى قىينالغان بولدى
رەجەپ تايىپ ئەردوغان 2014.يىلى 8. ئاينىڭ 28. كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، تۈركيە خەلقىنىڭ 52% ئاۋازىنى ئېلىپ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى سايلامدا ناھايىتى زور غەلىبە ھېسابلىنىدۇ
تۈركىيەدە ئەردوغاننى قوللىغۇچىلار ۋە قارشى چىققۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈنسىرى كەسكىنلەشمەكتە ئىدى. پەتۇللاھ جامائىتىگە ئائىت تېلېۋىزور، گېزىت،جورنال، رادىيولار ۋە سولچى مەديا ئەردوغانغا قارشى كىچە – كۈندۈز ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. ھۆكۈمەت پەتۇللاھ جامائىتىگە ئائىت تېلېۋىزور، گېزىتلەرنى جىددى بېسىم ئاستىغا ئالدى، باشلىقلىرىنى تۇتۇپ قولغا ئالدى. تۈركىيەنىڭ ساقچى تەشكىلاتى توختاۋسىز ھالدا، پەتۇللاھچىلاردىن تازىلاندى. ئەدلىيە تەشكلاتلىرىدىمۇ قۇرۇلما جەھەتتىن ئۆزگۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلدى. بىراق ئارمىيە ئىچىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش قىلىنمىغان ئىدى

 

ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت ۋە زىيانلىرى

تۈرك ئارمىيىسى ئالاھىدە ھوقۇق، ھۆرمەت ۋە ئىمتىيازغا ئىگە بولغان تارىخى ئەنئەنىگە ئىگە. ئارمىيىنىڭ دۆلەت مەمۇرىيىتىگە قول تىقىش ئىمتىيازى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، دۆلەت مەمۇرىيىتىنىڭ ئارمىيە ئىچىگە قول تىقىشى مۇمكىن بولماي كەلگەن. غەرپ دېموكىراتىيەلىرىدە، ئارمىيە مۇتلەق مەمۇرىي ھۈكۈمەتلەرنىڭ ئەمرىدە بولىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكىگە ئوخشاش، ئارمىيەنى ھۈكۈمەتنىڭ كونتىرولىغا ئېلىش ئۈچۈن كۆپ كۇچ سەرپ قىلدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئارمىيە ئىچىدىكى پەتۇللاھچى ئەدلىيە تارماقلىرى 2007. يىلى 6.ئايدىن 2008.يىلى 10. ئايغىچە“ئەرگىنىقۇن تېرور تەشكىلاتى” دېگەن ئويدۇرما بىلەن 400 دىن ئارتۇق،گېنېرال ۋە ئوپىسسەرلەرنى تۇرمىغا تاشلىدى، سوتلىدى. 2016.يىلى 4. ئاينىڭ 21.كۇنى سوت، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىگىنى ئېلان قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ ئېتىبارى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ھەربىي قىسىمغا قايتىپ كېلەلمىدى، ھەربىي كېيىملىرىنى، ئۇنۋانى بىرىلمەيلا، ئاساسەن ھەممىسىنى پۇل بېرىپ رازى قىلىپ، پىنىسسىيەگە يوللىدى. چۈنكى بۇ قۇماندانلارنىڭ ئورنىنى پەتھۇللاچىلار ئىگەللەپ بولغان ئىدى
تۈرك ئارمىيىسى ئىچىدىكى يەنە بىر سۈيىقەست “باليوز ھەربىي ئۆزگىرىش پىلانى تېرور تاشكىلاتى” ئويدۇرمىسى ئىدى. 2010.يىلى 6.ئايدىن 2012.يىلى 9.ئايغىچە 325 گېنىرال ۋە ئوپىسسەر تۇتۇپ تۇرمىغا تاشلاندى. ھەتتا تۈرك ئارمىيەسىنىڭ باش قۇماندانى ئىلكەر باشبۇغ 2013.يىلى 8.ئاينىڭ 5. كۈنى “تېرور تاشكىلاتى قۇرۇش جىنايىتى” بىلەن مۈددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى.باش قۇماندان ئىلكەر باشبۇغ سوتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا “ تۈرك ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان مەن تەرۆرىست كاتتىۋېشى،دىيىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۈكۈم قىلىندىم. بۇ سوتنىڭ ئادىل بولۇپ، بولمىغانلىقىنى تۈرك مىللىتىنىڭ ۋىجدانغا ھاۋالە قىلىمەن.” دېگەن ئىدى. تۈرك خەلقى “كۆز قارچۇغىمىز” دەپ تەرىپلەيدىغان تۈرك ئارمىيىسى ھەقىقەتەن زور تۆھمەت ئاستىدا قالغان ئىدى. تۈرك خەلقى ھۇزۇرسىز ئىدى
پەتھۇللاھ گۈلەن جامائىتى، تۈرك ئارمىيىسىنى قولغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچىنى، دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننى يوقىتىش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلدى. رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئويغاندى ۋە تۇرمىدىكى گۇناھسىز گېنىراللارنى، ئەسكەرلەرنى تۇرمىدىن چىقىرىشقا ئالدىرىدى. تۈرك ئارمىيىسى ئىچىدە مۇستەھكەم قۇرغانغا ئايلانغان پەتھۇللاھچى گۇرۇھنى تازىلاش ئۈچۈن جىددىي پىلان تۈزەۋاتقان كۈنلەردە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغالدى. ھەربىي تانكىلار ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانى 7.ئاينىڭ 15.كۈنى ئاخشام سائەت 10 لاردا ھەركەت قىلىشقا باشلىدى
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مەرمەرىس دېگەن ساھىل شەھىرىدە رامىزان تەتىلى قىلىۋاتقان ئىكەن. مېھمانخانىدىن 15 مىنۇت كەچ ئايرىلغان بولسا، تۇتقىلى مېھمانخانىغا كەلگەن ئىسيانچى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن يوقىتىۋەتىلىشى مۇمكىن ئىدى. تۈركىيەدە يۈز بەرگۈسى ئىچكى ئۇرۇشتا بىر ھەپتە ئىچىدە يۈزمىڭلاپ ئەمەس، مىليونلاپ مادەم ئۆلۈپ كەتكەن بۇلاتتى. تۈرك دۆلىتىنى ۋەيران بولۇش خەۋپىدىن ئاللاھ قوغداپ قالدى
ئىستىخبارات ( بىخەتەرلىك) تەشكىلاتلىرىنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىغەرەزلىگى

دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، ئەل-جەزىرە تىلىۋىزور مۇخبىرىنىڭ “ھەربىي ئۆزگىرىش بولغانلىغىنى نەدىن ئۆگەندىڭىز؟ دېگەن سوئالغا، “ ئايالىمنىڭ ئىنىسى تەلىپۇن قىلىپ، بىزنىڭ مەھەللە ئەتىراپىدا ھەربىي تانكىلار ھەركەت قىلىۋاتىدۇ. ئاسماندا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچىۋاتىدۇ. ھەربىي ئۆزگىرىش بولغاندەك تۇرىدۇ، دەپ خەۋەر بەردى.” دەپ جاۋاپ بەردى
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بىن ئالى يىلدىرىم “مەن ھەربىي ئۆزگىرىش بولغانلىغىنى دوست – بۇرادەرلىرىمىڭ تەلىپۇنىدىن ئۈگەندىم.” دېدى
تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئالى رەھبەرلىرى، بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ بولىشىدىن، ھەتتا كوچىلارغا تانكىلار چىققاندىن كېيىنمۇ خەۋەردار بۇلالمىغان. تۈركىيەنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك نۇقتىلارغا كېلىپ قالغانلىقىنى قىياس قىلماق تەس ئەمەس
رەئىس جۇمھۇر مەرمەرىستىن ئايرىلىش ئالدىدا، قول تېلىپۇنى بىلەن تىلىۋىزورغا باغلىنىپ “ تۈرك خەلقىنى دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىشقا دەۋەت قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تانكا، ئايروپىلانلىرى بولسا بىزنىڭ ئىمانىمىز بار” دەپ خىتاپ قىلدى. خەلق كوچىلارغا ئاقتى. تانكىلارنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى. قۇرۇق قول خەلق، قۇراللىق ئەسكەرلەرنى ئەسىر ئېلىشقا باشلىدى

 

ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلار راستىن پەتۇللاھ گۈلەننىڭ مۇرىتلىرىمۇ؟

ھەربىي ئۆزگۈرۈش بولغان 15. ئىيۇل ئاخشىمى، تۈرك ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى خۇلۇىسى ئاقار، قول ئاستىدىكى گېنېراللار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، قولى باغلانغان، كۆزى ۋە ئاغزى بانت بىلەن پېچەتلىنىپ نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغان. باش قۇماندان خۇلۇسى ئاقار، ئىسيانچى گېنىراللارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، ئىسيانچى گېنېراللار ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن “ سىزنى پەتھۇللاھ گۈلەن ئۇستاز بىلەن (تېلىپۇندا ) كۆرۈشتۈرەيلى.” دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. تۇتۇلۇپ سوراق قىلىنىۋاتقان ئوپىسسەرلەرنىڭ سوتتىكى ئىتىراپلىرىدىمۇ، پەتۇللاھ گۈلەننىڭ بۇ ئىشلارنى تەشكىللىگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئىسپاتلار بار. بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشتە پەتۇللاھ گۈلەننىڭ قولى بولغانلىغى ھەقىقەتتۇر

 

ھەربىي ئۆزگىرىشتە چەتئەلنىڭ قولى بارمۇ؟

تۈركىيە ھۈكۈمىتى 7.ئاينىڭ 27. كۈنى ئاخبارات ئىلان قىلىپ،” بۇگۈن 1684 ئوپىسسىر ھەربىي خىزمەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلدى.” دەپ ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 149 نەپەر گېنىرال، 1099 نەپەر (سۇباي) پولكوۋنىك، 463 نەپەر (ئاتسۇباي) برىگادا كوماندىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىپ بولغان.تۈرك ئارمىيىسى ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق گېنېرال بار. 50% گېنېرال تۇرمىغا سولىنىپ بولدى. تۈرك ئارمىيسى تۈركىيەنىڭ ئۇمۇرتقىسىدۇر.تۈرك ئارمىيىسىسىز تۈركىيەنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ تۈپ مەخسىدى، تۈرك ئارمىيسىنى ۋەيران قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى ئېنىق.قولغا ئېلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشتە، چەتئەلنىڭ قولى بولمىسا ئىدى، تۈركىيەنىڭ جان تومۇرى بولغان بۇ ئارمىيە بۇنچىۋالا ئېغىر جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئىچىگە تارتىپ كىرىلمىگەن ۋە بۇنچىۋالا زور چىقىمغا ئۇچرىمىغان بۇلاتتى. تۈركىيە سىياسى، ئىختىسادى، ئىجتىمائىي، دىپلوماتىيە جەھەتلەردە ئەڭ خەتەرلىك ئۆتكەللەردىن ئۆتىۋاتىدۇ. ئاللاھ تۈرك خەلقىنى قوغداپ قالدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوغداپ قالغۇسى. شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز لازىمكى، چەتئەلنىڭ قارا قولى، تۈركىيەنىڭ ياقىسىنى تېخىچە قويىۋەتكىنى يوق

 

ھەربىي ئۆزگىرىش غەلىبە قىلغان بولسا، ئۇيغۇر مىللىي كۈرىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىدى؟

ھەربىي ئۆزگىرىش، سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقانلارنى، قۇرال كۈچى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بىر زوراۋانلىق ھەركەت. شۇڭا ئۇلار خەلقتىن قورقمايدۇ. خەلق ئالدىدا ھېساب بېرىش مەسئۇلىيىتى يوق. ئۇيغۇر مىللى ھەرىكەتلىرى، دېموكراتىيە بولمىغان دۆلەتلەردە چەكلىمىگە ئۇچىرىغنغا ئوخشاش، تۈركىيەدىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىدى. 1960. يىلى تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر يول باشچىسى مەھمەتىمىن بۇغرا قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىغان.
ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن مەھمەتىمىن داغچى ماڭا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق بىر ھىكايە ئېيتىپ بەرگەن؛ “ 1963.يىلىنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنلەر ئىدى.ئىستانبۇلنىڭ ئېمۈنۈنۈ دېگەن يېرىدە كوچىلاردا پايپاق، قول ياغلىق سېتىپ جان بېقىۋاتاتتىم. ھەزىرتىم (مەھمەت ئەمىن بۇغرا) كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتى. ھەزىرىتىم ئەنقەرەدە ياشىغاچقا كۆرۈشمىگىلى خېلى زامان بولغان ئىدى. ھەزىرتىمنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم. ھەزىرتىم ماڭا “ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئادەملەر كېلىپ،خىتايغا قارشى ماقالە يازمايسەن،دەپ بېسىم قىلىۋاتىدۇ.تەيۋەن ئەلچىسى شىكايەت قىلغانمىش. شەرقى تۈركىستان،تەيۋەننىڭ قولىدا ئەمەس، قىزىل خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق.دېدىم. يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئۇلار ئاخىرقى قېتىم كەلگەندە، “يا يېزىشنى توختىتىڭ، ياكى تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىڭ،دېدى. ھىندىستانغا كېتىش نىيىتىگە كەلدىم. مەن بىلەن بىللە كېتەمسىز؟” دېدى. مەن “ ۋەتەندىن سىزگە ئەگىشىپ چىقتىم. ھىندىستاندا خىزمىتىڭىزگە بولدۇم. سىز نەگە دېسىڭىز سىز بىلەن كېتىمەن.” دېدىم. ھەزىرىتىمنىڭ كىيىملىرى نىمكەش، كەيپىياتى ناچار ئىدى. ئۆزەمنى تۇتالماي يىغلاپ سالدىم. “ مەن، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلماي، جان باقىمەن دەپ، كوچىلاردا مۇشۇنداق پايپاق، قول ياغلىق سېتىپ يۈرۈۋاتىمەن. يۈزىڭىزگە قاراشقا يۈزۈم يوق” دېدىم. ھەزىرتىم، كۆز ياشلىرىمنى سۈرتتى. “ئوغۇل بالا دېگەن يىغلىمايدۇ” دېدى. “پاسپورتىڭىزنى چىقارتىپ تەييار تۇرۇڭ. مەن ئىككى ئاي ئىچىدە كېلىمەن.” دېدى. خوشلىشىپ ئەنقەرەگە يولغا سېلىپ قويدۇم. ھەزىرتىم ئىككى ئايدىن كېيىنمۇ كەلمىدى. ئاڭلىسام كەسەل ئىكەن، ساقىيىپ كىلىمەن،دەپ خەۋەر ئېۋەتىپتۇ. يەنە ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتتى. ھەزىرتىم ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئەڭ ئېچىنىدىغىنىم. ھەزىرىتىم 3 ئايلىق ئۆي كىراسىنى ئۆتىيەلمىگەن ئىكەن، ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆي ئىگىسى ساقچى باشلاپ كېلىپ، ئۆيدىكى ساپا، ئۈستەل، پەردە، گىلەملەرنى كىراغا ھېسابلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇپ بەرگەن ئادەم تۈركىيەدە بۇ كۈنلەرگە قالماسلىقى كىرەكتى.“دېدى

تۈركىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي ئۆزگىرىش 1980. يىلى بولدى. ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغان باش قوماندان كەنان ئەۋرەن دۆلەت رەئىسى بولۇپلا 1982. يىلى خىتاينى زىيارەت قىلدى.خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى تۈرك دولەت باشلىغى كەنان ئەۋرەن ئىدى.كەنان ئەۋرەن بېجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، مەن بېجىڭدا ماگستىر ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتىم. كەنان ئەۋرەن بىلەن دىڭ شاۋپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگلار ھەققىدە مېنىڭ “ئەجدىرھانىڭ قورقۇسۇ” دېگەن تۈركچە كىتاۋىمدا تەپسىلى مەلۇماتلار بار. كەنان ئەۋرەن، تۈركىيە، خىتاي دوستلىغى ئۈچۈن بىر خىتاي يىتىم بالا بېقىۋېلىش ئارزۇسىنى ئېيتقانلىقى ئۈچۈن، خىتايلار بىر يىتىم خىتاي قىزىنى كەنان ئەۋرەنگە بەرگەن.بۇ خىتاي قىز چوڭ بولۇپ، تۈركىيە،خىتاي دوستلىغى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدى. 5. ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن گېنېرال كەنان ئەۋرەن خىتاي قىزى بىلەن بىللە خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،ئۇيغۇرلارنى ئېيىپلاپ، خىتايغا مەدىھيە ئوقۇيدىغان باياناتلارنى بەردى. كەنان ئەۋرەن ۋاپات قىلدى. مىراسچىلار ئارىدىسا بۇ خىتاي بالىسىمۇ بار.ئامما، كەنان ئەۋرەن بىر قېتىممۇ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق گەپ قىلىپ باقمىغان

 

تۈركىيەدە يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ۋەقەدىن ئۇيغۇرلارغا ساۋاق بار

تۈركىيەدىكى دىندار ھۆكۈمەتنى سۈيىقەست ۋە ياكى قۇراللىق ئىسيان ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغانلار، دىنسىزلار ئەمەس، لايىق ( دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىغۇچىلار) بولغان گۇرۇھمۇ ئەمەس. ئۆزلىرىنى ئاللاغا ئەڭ يېقىن، تەقۋادار، ھېسابلىغان دىنى جامائەتتۇر.
بۈگۈن مۇسۇلمان دۇنياسىدا جاماتلىشىش، جامائەتلەر ئارىسىدا سۈرتۈشمە، ھەتتا قۇراللىق توقۇنۇش ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ قالماقتا. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرىدىغىنى “ مەن، سەندىن تېخىمۇ تەقۋادار مۇسۇلمان” دېيىشتىن ئىبارەت. پىتنە مۇشۇ گەپتىن باشلىنىدۇ. سۈرىيەدە ئەل- نۇسرا، ئىراق- شام ئىسلام دۆلىتى… گە ئوخشاش دىنىي قۇراللىق تەشكىلاتلار ھەم باشقىلار بىلەن ھەم ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. ئىلگىرى سۈرىۋاتقان پىكىرى “ مەن ھەقىقى مۇسۇلمان”. ئافغانىستاندىمۇ ئەھۋال ئوخشاش. قىرىلىۋاتقانلار بولسا مۇسۇلمان خەلق. “مەن سەندىن بەك مۇسۇلمان” مۇسابىقىسىدا ھەممەيلەن رادىكاللىق يولىدا چېمپىيونلۇق ئۈچۈن قان كېچىپ بەسلىشىپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ

ئىختىسادى جەھەتتىن يوقسۇل، مەدەنىيەت جەھەتتىن نادان قالدۇرۇلغان مۇسۇلمان جەمئىيەت، جامائەتكە بۆلۈنۈش، ئاشقۇنلۇق مۇسابىقىسى ئۈچۈن تېپىلماس مۇنبەت زىمىندۇر. شۆھرىتى ئاياق ئاستى قىلىنغان خەلقلەر ئارىسىدا، شۆھرەتكە ئاچ ئىنسانلار كۆپ بولىدۇ. ۋەتەندە دۈشمەن تەرىپىدىن يۇتۇپ بولۇنغان ۋەزىيەت ئاستىدا، دۈشمەننىڭ ئاش قازىنىدا ئۆلۈمگە كېتىۋېتىپ يەنە ئۆز ئارا “مەن، سەندىن بەك مۇسۇلمان” جېدىلى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بار. چەتئەلدە كىچىك- كىچىك گۇرۇھلارغا بۆلۈنۇپ، ئۆزلىرىنى بىر جامائەت دەپ، ئۆزىگە مۆرىت بولمىغان ياكى ئۆشرە –زاكىتىنى باشقىسىغا بەرگەنلەرنى “كاپىر، مۇشرىك” دەپ پەتىۋا بىرىۋاتقان قەرىنداشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي،پەننى زىيالىلىرىنىڭ، ئۇقۇمۇشلۇق، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ، قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ كۈن نۇرىغا ئېلىپ چىقىشقا ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بار. “مەن سەندىن ئارتۇق مۇسۇلمان” مۇسابىقىسىغا چۈشكەن پەتۇللاھ گۈلەن تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىگە ئېغىر زىيان سالدى. 40 يىلدىن بىرى تۈركىيەگە قارشى قۇراللىق ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن كۈرت تېرور تەشكىلاتى پ.ك.ك. مۇ تۈركىيەگە بۇنچىۋالا زىيان سالالىغان ئەمەس
بىز ئۇيغۇرلار ئاز ۋە ئاجىز.چەتئەللەردە خىتاي بەرگەن مائاشتىن باشقا جاسۇسلۇق مۇكاپاتى ئېلىۋاتقان، خىتايدىن ئالغان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئىئانە قىلىش ئارقىلىق، بەزى تەشكىلاتلىرىمىز تەرىپىدىن ئىشەنچ ۋە ھىمايە قىلىنىشقا ئېرىشكەن خىتاي جاسۇسلىرى، داۋاملىق مىللى ئىتتىپاقلىغىمىزغا زىيانلىق پائالىيەتلىرىنى ھېچ ئەيمەنمەي داۋاملاشتۇرماقتا. تۇركچە، ئەرەپچە، ئىنگىلىزچە… سوزلەيدىغان، بەزىسى ساقاللىق، بەزىسى سەللىلىك،بەزىسى يېشىل كوز، سېرىق چاچلىق خىتاي جاسۇسلىرى بار. مۇخبىر، ئۇيغۇر دوستى، ئاكېدىمىسيەن… لەر ئارىسىدا ھەممە پائالىيەتلىرىمىز توغرۇلۇق ئالغان مۇھىم مەلۇماتلارنى خىتايغا بېرىپ پاراۋان تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان چەتئەللىكلەر بار. بىزنىڭ سىياسى تەجىربىسىزلىگىمىز، ئىتتىپاقسىزلىغىمىز،تىلىۋىزورغا، گېزىتكە چىقىش ھەۋىسىمىزنىڭ كوزىمىزنى غۇۋالاشتۇرىشى، دۇشمەننىڭ، بىزنىڭ ھەققىمىزدە توغرا ئىستىراتىگىيە تۇزىشىنى قۇلايلاشتۇرماقتا. دۈشمىنىمىز بەك كۈچلۈك، بۇزغۇنچىلىغى ئېغىر. ئۇيغۇرلارنى قۇمدەك چېچىلغان ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش،خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىستىراتىگىيەلىك ئۇرۇنلاشتۇرىشىدۇر.خىتاي ھاكىمىيىتى، ئېرىشكەن مۇۋاپىقىيەتلىرىدىن مەمنۇن.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ، تۇركىيەدە يۇز بەرگەن ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ئوزگۇرۇشتىن ئالىدىغان ساۋاقلىرىمىز كوپ.بىز مەۋجۇت كۇچىمىزنى دۇشمەندىن قوغداپ قېلىشىمىز ئۇچۇن، ئىنىرگىيەمىزنى توغرا يەرگە سەرپ قىلىشقا مەجبۇرمىز. كوزىمىزدىكى نادانلىق، بىخۇتلۇق پەردىسىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن بۇ ۋەقەدىن مىللەت سۈپىتىدە ساۋاق ئېلىشىمىز لازىم

Share
2285 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.