logo

trugen jacn

تۈركىيەدىكى گېزىت ۋە تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رامىزان چەكلىمىسىنى ئەيىبلىدى

6f4322b7-69f6-457d-ac85-8583561a1304

 ئەركىن تارىم

تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سىياسەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد سىياسىتى بولۇپمۇ رامىزان چەكلىمىسىگە قارشى ئارقا – ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى ۋە خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ مەزكۇر باياناتلىرى خىتاينىڭ بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلىگەن ۋە ئالىي مەكتەپلەردە روزا تۇتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزىسى مەجبۇرىي بۇزۇۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان مەزگىلدە توغراكەلدى.

تۈركىيەدىكى دىنىي زاتلار «قۇرئانى كەرىم» دىن نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، ئەگەر روزىدار تاماق يېيىشكە مەجبۇرلانغان بولسا ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تۈركىيەدىكى «مىللى گېزىتى» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بۇ باش ماقالىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى قاتتىق ئەيىبلەنگەن. «ئىسلام دۇنياسى بۇ يىلمۇ روزى ئېيىغا قان ۋە كۆز يېشى بىلەن كىردى» ماۋزۇلۇق ئۇزۇن ماقالىدا ئالدى بىلەن ئىسلام دۇنياسى خەرىتىسى بىلەن دۇنيادىكى مۇسۇلمان رايونلىرى ئايرىم ئايرىم تونۇشتۇرۇلغان.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىپ مۇنۇلار يېزىلغان: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە. بۇ سەۋەبتىن رايوندا داۋاملىق قانلىق توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى تۈرمىگە تاشلىماقتا. خىتاي تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا بوغماقتا. خىتاي دۆلىتى بۇ سىياسىتىدىن دەرھال ۋاز كېچىشى كېرەك.

تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە شۆبىسى بار، ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىمۇ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان روزى تۇتقۇزمازلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلەپتۇ. خىتاي ھەر خىل باھانىلەر بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنى تۇتۇپ كەتمەكتە، ئۆلۈم جازاسى بەرمەكتە، قىسقىسى يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. بىز دۆلىتىمىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشىنى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

– ئاينىڭ 9 – كۈنى«ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش تەشكىلاتى» تىرابزون شۆبىسى مەسئۇلى مەمەت چىنار ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قەشقەرگە ئوخشاش جايلىرىدا يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى تۈرمىگە قاماپ قويغانلىقىنى، ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ ئىز – دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى مەنئى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

بۇلاردىن باشقا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى.

بۇلاردىن باشقا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى پارلامېنت بىناسى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلىشىنى ئەيىبلىدى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلىشىدىكى سەۋەب نېمە بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دىنىي ئىلىملەر مۇتەخەسسىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/turkiye-gezit-uyghur-ramizan-cheklime-07112014203037.html

Share
2011 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.