logo

trugen jacn

تۈركىيەدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى غەلىبە قىلدى

0-00aa-1a-ababaaaakp-tek

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەدە قايتىدىن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سايلامدا 13 يىلدىن بېرى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن پارلامېنت سايلىمىدا 317 پارلامېنت ئەزاسى سايلىنىپ، قايتىدىن ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن 550 پارلامېنت ئەزاسىدىن 276 پارلامېنت ئەزاسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا ئاق پارتىيە 317 پارلامېنت ئەزاسى چىقىرىپ، ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى.

1-نويابىر كۈنىدىكى سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئاۋازى 49.4% كە ئېرىشكەن بولۇپ، 317 پارلامېنت ئەزاسى، ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 135 پارلامېنت ئەزاسى، خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىدىن 59 پارلامېنت ئەزاسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن بولسا 40 پارلامېنت ئەزاسى سايلىنالىغان.

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، تۈرك قانۇنىغا ئاساسەن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا بەرگەن ئىدى. باشقا ئۆكتىچى پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان ۋە قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان ئىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ سايلام نەتىجىسىنى ئۆز يۇرتى كونيادىكى ئۆيىدە تېلېۋىزيەدىن كۆرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن مەۋلانەنىڭ قەۋرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلدى. ئارقىدىن كونيا خەلقىگە قۇتلۇقلاش نۇتقى قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي بىناسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئون مىڭلىغان خەلق ئاممىسىغا تەبرىك نۇتقى قىلدى. ئۇ، سۆزىگە مۇنداق باشلىدى:
«تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە تەنتەنىلىك ھالدا دېموكراتىيە بايرىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان قىممەتلىك ۋەتەنداشلىرىم، سىلەرنى سالاملارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن سالاملايمەن. ئاللانىڭ سالىمى سىلەرگە بولسۇن. مەن بۇ دېموكراتىيە كۇرسىدىن 78 مىليون تۈرك خەلقىگە، 780 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كەڭلىكتىكى تۈركىيە زېمىنىغا، ھۆرمىتىمىزنى، سۆيگۈمىزنى ۋە ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز. قۇددۇستىن بېيرۇتقىچە، باكۇدىن غاززەگىچە، ئاراقاندىن سومالىغىچە، قاراباغدىن بىشكەككىچە، ئاشخاباتتىن خالەپكىچە، باغداتتىن بوسنىيەگىچە، باكۇدىن تاشكەنتكىچە پۈتۈن قېرىنداشلارغا، تۈركىيە دۆلىتىگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىمىزغا سالام يوللايمەن.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقى، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەنلەرگە چىڭ كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«پەقەتلا تۈركىيەدە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاق پارتىيەگە ئاۋاز بەرگەن قوللىرىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. پارتىيەمىز 2002-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن بېرى پارتىيەمىزنى قوللاپ كەلدىڭلار، بىزگە ئاۋاز بەرگەن بەرمىگەن پۈتۈن ۋەتەنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. پارتىيەمىزگە يەنە 4 يىل تۈركىيەنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بەردىڭلار، بىز سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى يەردە قويماي دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكى، خەلقىمىزنىڭ پاراۋانلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىملىقى دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز.»

«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»نى ياخشى بىلىدىغان سەمىمىي بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئالغۇسى كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ قېتىمقى سايلامدا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» ئۈچۈن خەيرلىك بىر نەتىجە چىققانلىقىنى، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆپ ساندا كىشى بارلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سايلامدا بىر پارتىيە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغاندىن كېيىن پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن دائىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى. تۈركىيەنىڭمۇ ئۇلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/turkiyede-saylam-11022015161748.html

Share
1511 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.