logo

trugen jacn

تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بولۇشىنى توغرا چۈشىنىش لازىم

1421599117inurtdostlukederasyonuakanhangijiong

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز خىتاي ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك تەلەپلىرى ئۈستىدە توختالدى

مەھمەت گۆرمەز «تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا بولغان سەزگۈرلىكىنى توغرا چۈشۈنۈش لازىم» دېدى
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز خىتاينىڭ چەت ئەل دوستلۇق فېدېراتسىيەسى باشلىقى جاڭ يىجوڭ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ زىيارىتىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
مەھمەت گۆرمەز، خىتاي دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەردىن كېيىن خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى
مەھمەت گۆرمەز، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بولۇشىنى توغرا چۈشىنىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ، «تۈركىيە خەلقى ئىشلىتىۋاتقان تىلنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدىغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ يازغۇچىسى، تۈنچى تۈركچە لۈغەتنى مەيدانغا چىقارغۇچى مەھمۇت قەشقىرى ئەنە شۇ يەردە ياتماقتا. تۈرك – ئىسلام تارىخى ۋە كۈلتۈرى جەھەتتىن ئەڭ مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدىغان «قۇتادغۇ بىلىك» سىياسەتنامىسىنىڭ يازغۇچىسى يۈسۈف خاس ھاجىپمۇ ئەنە شۇ يەردە ياتماقتا. تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتىسى دەپ قارايدۇ. بۇ 25 مىليون ئۇرۇق – تۇققىنىمىز بار، دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ھەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى مەدەنىي بايلىقنى تېخىمۇ چوڭ بايلىققا ئايلاندۈرۈش ئۈچۈن ئېسىل پۇرسەتتۇر» دېدى
مەھمەت گۆرمەز خىتايدا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ تەلەپلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «تارىختا يۈز بەرگەن ئازابلىق ۋەقەلەرنى بىلىمىز. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ تەلەپلىرىگە ئېتىبار بېرىلگەن ئاساستا خىزمەت باشلاش لازىم. ساقچىلارغا ئالاقىدار جىنايى ئىشلار بىلەن دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ قاراش لازىم» دېدى
مەھمەت گۆرمەز ئۇيغۇرلارغا دىنىي تەلىم – تەربىيە بېرىش جەھەتتە ھەر تۈرلۈك ياردەمدە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
مەھمەت گۆرمەز مۇسۇلمانلارنىڭ كۈلتۈر ۋە ئەنئەنىلىرىنى قانچە كۈچەيتكەنسىرى ئاشقۇن پىكىر ۋە قاراشلاردىن شۇنچە ئۇزاقلىشىدىغانلىقىنى، ئۇنداق پىكىرلەرنىڭ ئۇ جايلارغا سوقۇنۇپ كىرىشى مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى
خىتاي خەلق جۇمھۇرىتىنىڭ چەت ئەل دوستلۇق فېدېراتسىيەسى باشلىقى جاڭ يىجوڭمۇ سۆز قىلىپ، «خىتاينىڭ مەدەنىي بايلىقى مەدەنىيەت جەھەتتە مۇسۇلمانلار قوشقان تۆھپىلەر بىلەن تېخىمۇ بېيىدۇ» دېدى 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
2164 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.