logo

trugen jacn

تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان زاكىر ياسىن يېقىندا قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم

c0479199-2b19-427f-b76d-e0cdf6a61fd2

قۇتلان

2014-u1218-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت نۇسۇي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق زاكىر ياسىن ئائىلىسىگە «مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشكە ماسلىشىش ئۇقتۇرۇشى» چىقىرىپ، ئۇنىڭ 2 كۈن ئىچىدە يېزىلىق ساقچىخانىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى ئۇقتۇرغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يېزا نۇسۇي كەنت 1 – مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق زاكىر ياسىن، ئەر، باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كىملىك نومۇرى يوق، ھېزبوت تەشىلاتىغا چېتىشلىق دەپ بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن 2014 – يىلى 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 22 – كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا لاڭرۇ يېزىلىق ساقچىخانىغا ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىشىڭىز ئۈچۈن بۇ ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى. ئەگەر بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلمىسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مەسئۇل بولىسىز.»

ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ نوپۇسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى، يەرلىرى قايتۇرىۋېلىنىدىغانلىقى، مال – مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى، ئۆي – جايى چېقىلىپ تۈزلىۋېتىلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك بارلىق ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ بەھرىمان بولۇۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بىز مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن لاڭرۇ يېزىلىق ساقچىخانانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان نۆۋەتچى ساقچىلاردىن بىرى زاكىر ياسىننىڭ ھازىرغا قەدەر تۇتۇلمىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرقانچە قېتىم تۇتقىلى بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.

يەنە بىر نۆۋەتچى ساقچى زاكىر ياسىننىڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ھېزبوتتەھرىر تەشكىلاتىغا چېتىلغان گۇماندار ئىكەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتتىكى ئون نەچچە گۇماندارنىڭ تېخىچە قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نۇسۇي كەنتىدىكى ساقچى ئەمەلدارى زۇلپىقارغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

ئاخىرىدا بىز نۇسۇي كەنتىنىڭ سېكرىتارى ئەمەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ زاكىر ياسىن ھەققىدە راستىنلا 9 – ئايدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇ بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا زاكىر ياسىننىڭ ھېزبوتتەھرىر تەشكىلاتىغا قاتناشقان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇشقا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ 9 – ئايدا قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يېنىدا كىملىكى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى.

ئاخىرىدا ئۇ، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى گۇماندار زاكىر ياسىننى نۇسۇي كەنتىدىكى ساقچى باشلىقى زۇلپىقارنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە زاكىر ياسىن بىلەن بىللە ھېزبوتتەھرىر تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان مەزكۇر كەنتتىكى يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ۋە ھازىرغىچە تۇتۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/zakir-yasin-12182014215349.html

Share
2134 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.