logo

trugen jacn

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بىر قانچە تەكلىپ

Tibet - Vikipedi

جەۋلان

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بىر قانچە تەكلىپ

تىبەتلىكلە رنىڭ2022 -يىل تىبەتتىكى نۇپۇسى جەمئى3 مىليون660 مىڭ دىيىلگەن.
2021 -يىلى ئىستاتىكا قىلىنغان دۇنيادىكى تىبەتلىكلەر نۇپۇسى7 مىليون60 مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ ، جوڭگۇ چىگراسى ئىچىدىكى تىبەت ، سىچۋەن ، گەنسۇ ، چىڭخەي، يۇننەن قاتارلىق جايلاردا6 مىليون500 مىڭدىن ئارتۇقراق،(چىڭخەي ئۆلكىسىدە1.4 مىليون، سىچۋەن ئۆلكىسىدە1.5 مىليون تىبەتلىك بار ئىكەن) چەتئەللەردە تەخمىنەن200 مىڭدەك تىبەتلىك بولۇپ، ھىندىستاندا110 مىڭ، نىپالدا30 مىڭ ، ئۇنىڭدىن باشقىلىرى تەيۋەن، بوتان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدىكەن .
2020-يىلى ئامىرىكا پارلامىنتى قۇبۇل قىلغان « تىبەت سىياسىتى ھەم قوغداش قانۇنى »دا، تىبەت سەرگەردان مەمۇرى ھۆكۈمىتىنى«پۇتۇن دۇنيادىكى تىبەتلىكلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى قانۇنلۇق ئورگان » دەپ ئىتراپ قىلدى .
سەرگەردان تىبەت مەمۇرى ھۆكۈمىتى1971-يىلدىن بۇيان«تىبەت مۇساپىرلىرنىڭ ئىختىيارى ئىئانە قىلىش قوللانمىسى»تارقاتقان ، بۇ قوللانمىنى ھازىرغىچە%90تىن كۆپرەك تىبەتلىكلەر قۇبۇل قىلغان .بۇنى «ئەركىنلىك بېجى» دەپ ئاتايدىكەن . ھەمدە بۇنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىدىن بىرىلگەن پاسپۇرىت دەپ تۇنۇيدىكەن . تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بولسا بۇنى كېلەچەكتىكى تىبەت گىراجدانلىرنىڭ قانۇنلۇق ئىسپاتى دەپ قارايدىكەن . بۇ پاسپۇرىت بەش يىلدا بىر ئالماشتۇرۇلۇدىكەن . ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئارخىپ بۇلۇپ ساقلىنىدىكەن .بۇ كىنىشكە90 پىرسەنىت مۇساپىر تىبەتلىكلەردە بار ئىكەن . بۇنداق كىنىشكە ئالغان تىبەتلىكلەرنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى سايلىمىغا بىلەت تاشلاش ۋە سايلىنىش ھۇقۇقى بولىدىكەن . سەرگەردان ھۆكۈمەت بۇلارغا ئۇقۇش مۇكاپاتى ۋە ئىشقا ئۇرۇنلۇشۇش جەھەتلەردىن ياردەم قىلىدىكەن ، بۇلارنى كېرەكلىك ھەر خىل ھۆججەت ۋە ھۆكۈمەت گۇۋالىقلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن .
خۇلاسە: مۇھاجىرەتتىكى90 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان تىبەتلىكلەر جەمىيتىدە مىللى روھنى مەنبە قىلغان دىن ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق بولغاچقا ئۆز دىنىدىن، مىللىتىدىن تېنىپ كەتمەي ۋەتەن دەۋاسىدا بىرلىكىنى ساقلاپ كەلگەن ، مىللەتنى كولدىرلىتىپ پىتنە تارقىتىپ كىچىك توپلارغا خالىغانچە پارچىلايدىغان ، شەخسى مەنپەئەت ئۇچۇن مىللەتنى ساتىدىغان مۇناپىقلىق ۋە نۇمۇسسىز- پىتنىچىلەرنى چەكلەيدىغان مىللى مۇھىت يارىتىلغان ئىكەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى سانى تىبەتلەردىن ئەڭ ئاز ھىساپلىغاندىمۇ بەش ھەسسىە كۆپ بولسىمۇ (ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىنى قوشقاندا) ۋەتەن ، مىللەت دەۋاتقانلار ئۇمۇمى ئۇيغۇر ساننىڭ5 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ . بىزدە ھەر خىل ئۇيۇن ئوينايدىغانلارغا كەڭ ئىمكانىيەت ۋە ئاممىۋى مەيدان بار .بۇنداق ھالەت دەۋا ئىشلىرمىزگە ئېغىر زىيانلارنى پەيدا قىلۋاتىدۇ، 7 يىلدىن بۇيان تۇكۇلگەن قان-ياشلار، غەرىپ دۆلەتلىرىدە كۆتۇرۇلگەن قوللاش سادالىرى مىدىرلىتالمىغان ئىنسانلارنى، خىتاينىڭ بىر ئۇيۇنى ئۇلارنى يۇگۇرتىۋەتتى . خىتاي ئۇيغۇرغا ئاچقان ئىشىكنى تىبەتلىكلەرگە ئاچماي قالامدۇ؟ ئىرقى قىرغىنچىلىق ئوخشاش لىكىن نەتىجە ئوخشاش بولمىدى، دىمەك ھەر قانداق بىر مىللەتتە تارىخ شۇ مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرى تەرىپىدىن يېزىلىدۇ، قەھرىمانلار ھامىنى ئاز سانلىق بولىدۇ.مۇشۇ ئاز سانلىق ئىنسانلار مىللەتنى يىتەكلەيدۇ . بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيتىمىز دەۋا يىتەكچىلىردىن تېخىمۇ كۇچلۇك شىجائەتنىلا ئەمەس داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تەلەپ قىلماقتا ، 2022 -يىلدا« ئۇيغۇر سودى » ۋە« پارلامىنتلار دوستلىق گۇرۇپپىسى » دگەن پائالىيەتلەرنىڭ خېلى ئۇنۇمى بولدى. دەۋانى ئىلگىرلىتىش ئۇچۇن مۇشۇنداق يېڭىچە ئىزدىنىشلەر بۇلىشى لازىم ، مەسلەن : مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ئىشى بىر نەچچە قېتىم ئوتتۇرغا قۇيۇلدى، ھەتتا ئارخىپ تۇرغۇزۇشنىڭ ئەھمىيتى ۋە ئۇسۇللىرى توغرۇلۇقمۇ تەكلىپلەر بىرىلدى ،مۇھاجىرەتتە كۆپ ئۇيغۇرمۇ يوق، ئۇيغۇر جەمىيتىمىزنى چۇشۇنىشتە، چۇشەندۇرۇشتە ۋە تەدبىر ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيتى بار ئىدى. تۇرمە ۋە لاگىرلاردىكى تۇنقۇنلار ۋە قۇل ئىشلەمچىلەر مەسلىسىنى نوقتىلىق كۇنتەرتىپكە ئەكىلىش مەسلىسىمۇ بىر نەچچە قېتىم تەلەپ قىلىندى ، بۇ مەسىلىدە چەتئەل سىياسەتچىلىرى ھەتتا ئامىرىكا پارلامىنتىدىكى ماركۇ روبىيۇ قاتارلىق كىشلەر تەرەپىدىنمۇ ھازىرغىچە ئوتتۇرغا قۇيۇلىۋاتىدۇ .يۇقۇرقى ئىككى مەسىلىگە ئەستايدىل مۇئامىلە قىلساق ئىشلىنىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن ئىش بار ئىدى . ئىتۋار قىلمىساق، ئەھمىيتىنى چۇشەنمىسەك يەنە شۇ ئايرىم ئىستراتىگىيەچىلەرنىڭ رايىغا باقساق مەدەنىيەت دەۋاسى، دىن دەۋاسى دىگەندەك دەۋالار بىلەن تەڭ دەۋا بۇلۇپ قالىۋىرىدۇ .
ئۇيغۇرلار دىن چەتئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياكى چەتئەلگە كىلىپ ئۇقۇش يېشىغا يەتكەنلەردىن ئارمىيەگە قاتناشقانلاردىنمۇ بار ئىكەن،ھەتتا ئۇفىتسىر بولغانلىرمۇ بار ئىكەن . دىمەك يېڭى بىر ئەۋلات مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ ، ياشلىرمىزنى ئىلىم-پەن ئۆگۇنۇشكە، ھەربى مەكتەپلەرگە كىرىپ ھەر خىل كەسىپلەردە ئۇقۇشقا، دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ،بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئىشلەشكە رىغبەتلەندۇرۇش لازىم . خىتايلارنىڭ مەلۇم بىر تۇركۇمدىكى ئىنسانلارغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈشى بىلەن قارماققا ئىلىنىدىغان«شەرقى تۇركىستان»لىقلار كۇندىن -كۇنگە كۆپۇيىدىغان ئەھۋال كۇرۇلۇشكە باشلىدى ، ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئىتراپ قىلغان دۆلەتلەرگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا خىتاي ۋە ياللانما خائىنلاردىن مۇداپىيەلىنىشنىڭ زۇرۇرلىگىنى چۇشەندۇرۇش ۋە تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ، ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىخەتەرلىك -ئىستىخبارات خادىملىرنى تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلىش لازىم، ئۇيغۇرلارمۇ شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق پۇخراسى بولغانلىقى ئۇچۇن بۇ تەلەپ ئۇشۇقچە تەلەپ بولمايدۇ . بۇلۇپمۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئىتراپ قىلغان دۆلەتلەرگە نىسپەتەن بۇ بىر يوللۇق تەلەپ بولىدۇ .كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ، ئشقىلىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولايلى غەپلەتتە قالماسلىق ئۈچۈن ۋەزىيەتكە سەزگۇر بولايلى، بىر دەۋىرگە ئەڭ ماس كەلگەن ئىستىگىراتىگىيەنىڭ ھەر دەۋىرگە ماس كىلىپ داۋاملىق ئۇنۇم بىرىشى ناتايىن .يېڭىلىق بولمىسا دەۋا ئارقىغا چىكىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

Share
655 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.