logo

trugen jacn

تويلىرىمىزغا نەزەر

 

hqdefault

بىر ھەپتىلىك جەنۇپ ساياھىتى مىنى بىر تەرەپتىن مەمنۇن قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلۈمنى غەش قىلدى.ئانا تۇپراقنىڭ ئەزىز توپىلىرىنى، شۇ توپىلىرىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن سەبىي بالىلارنى، خۇشچاقچاق دېھقانلارنى زىيارەت قىلىش، مەي باغلىغان مېۋە-چېۈىلەرنى مۇزدەك بۇلاق سۈيىدە يېيىش ماڭا ئوخشاش بىر يىلىنىڭ ئون ئېيىنى چەتئەلدە ئۆتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىنى ھەقىقەتەن خوشال قىلاتتى. ھۆرمىتىمىزنى قىلىپ بارى يوق، تاپقان تەرگىنى بىلەن كۆڭلىنى ئىپادىلەۋاتقان شۇ ئاق كۆڭۈل ئۇرۇق تۇققانلىرىمغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم.

كەشقۇرۇنلىقى بىر كۈنلۈك سەيلى ساياھەت،ئۇچرشىشلىرىمىزنى تۈگىتىپ كەڭرى ھويلىدا ساپ ھاۈادىن ھوزۇرلانغان پەيتلەردە پارىڭىمىز كۆپىنچە  توي توغرىسىدا بولاتتى.بىر تۇققىنىزمىزنىڭ تويىنى قىلىشقا تۇتۇشۇۋاتقان ئىدۇق.ئۆزى بىكار تۇرمايدىغان، ھېلى باشقا شەھەرلەرگە قاتراپ سېتىقچىلىق قىلىدىغان، ھېلى  ئىنىسىغا ياردەملىشىپ رىمونتچىلىق قىلىدىغان سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل شۇ يىگىتكە قىز تېپىش پەقەت ئوڭاي بولمايۋاتاتتى.

بىر قىز بىلەن كۆرۈشتى،ئۈزۈكنى ھەم سېلىشىپ بولغاندا،شۇ قىزنىڭ ئۆيۈمگە نەچچە پۇل ئەكىلىسەن،دېگەندەك غەلىتە سوئاللىرى بىلەن ئىش سۇغا چىلاشتى.يەنە بىر قىزغا ئەلچى ماڭغۇزدۇق، قىزنىڭ ھاممىسى كۆرۈشۈشكە چىقىپ باقسۇن، چىققاندا بىرەردىن ئالتۇن زەنجىر ئالسۇن، دەپ گەپ ئەۋەتىپتۇ.بۇنى ئاڭلاپ بىرى: مۇشۇ پىتى ماڭسا ئۇزاققا قالماي تۇنجى كۆرۈشۈشكە ئۆي ئالسۇن دەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ چاقچاقمۇ قىلدى.

شۇنداق بىر ۋەقەنى ئاڭلىدىم. بىرەيلەن قىز مېلى ئۈچۈن ئوتتۇز مىڭدىن ئارتۇق پۇل ئەۋەتسە ، قىز تەرەپ سەل ئاز كۆرۈپتۇ، يەنە تېخى بىرمۇنچە سېلىق ساپتۇ. ئوغۇلنىڭ دادىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، قىز تەرەپكە ئىككى يۈزمىڭ يۈەننى تاشلاپ: مانا،قىزىڭلارنى ساتامتىڭلار، دەپتۇ. ئاخىرىدا بۇ توي بۇزۇلۇپ كىتىپتۇ.
بۇ ئىشلارنى ئويلاپ كۆرگەندىن كېيىن كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار پەيدا بولدى: تويلىرىمىز نىمىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، بىزنىڭ توي مەدىنىيىتىمىز قانداق ئىدى، توي ئەسلى قانداق بولۇشى كېرەك….

توي، بىر جۈپنىڭ بىربىرسىنى ياقتۇرغانلىقى ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەم رازى بولغانلىقى ئاساسىدا،مۇۈاپىق سوۋغا سالاملار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكەدۇر. توي ھەرگىمۇ ئېلىم سېتىم ئەمەس.ئۇ شۇ بىر جۈپنىڭلا ئەمەس،شۇ ئائىلىدىكى ھەممەيلەننىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.دېمەك مۇشۇنىڭدەك مۇھىم بىر مەرىكىنى بەزى قېرىنداشلار سودا سېتىق، بەسلىشىشكە ئايلاندۇرۇۋالغان، ئۇنىڭ قىزىغا مانچە پۇل ئېپكىرىپتۇ، مىنىڭ قىزىم ئۇنىڭدىن كەم ئەمەس، دېگەندەك قۇرۇق باھانىلەر بىلەن سېلىقنى جىقايتىپ ئاخىرىدا ھەممە نەرسە سۇغا چىلاشسا، بۇ راستىنلا قاملاشمايدۇ.بىر قېتىمىق كۆرۈشۈشكە پالان پۇل تەلەپ قىلسا بۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ.

ئۆتمۈشتە تويلاشقاندا پۇلىغا ئەمەس،ھۈنىرىگە ،ئەخلاقىغا،قولىدىن ئىش كىلەمدۇ كەلمەمدۇ دېگەنلەرگە قارايتتى، ھازىر ماشىنا بامۇ يوقمۇ،تويلۇق قانچىلىك مۇشنىڭغا قارايدىغان بوپتۇ. توغرا،جەمىيەت پۇل تەلەپ قىلىدۇ، جەمىيەت ئۆي تەلەپ قىلىدۇ.

لىكىن شۇنى ئۇنۇتمايلى: توي پۇل ئەمەس، بەخت، خوشاللىق، چىن مۇھەببەت تەلەپ قلىدۇ.

2016.8.21 ئۈرۈمچى

http://bbs.bagdax.cn/thread-65768-1-1.html

Share
2075 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.